ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان خىتايدىكى «يىدا (Esqual) توقۇمىچىلىق گۇرۇھى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىدى
2024.11.01
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 31-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىق سەۋەبىدىن يەنە بىر داڭلىق خىتاي توقۇمىچىلىق گۇرۇھىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە، مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 78 يېتىپ بارغان.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ 31-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، 1-نويابىردىن باشلاپ خىتاينىڭ خوڭكوڭنى بازا قىلغان «يىدا گۇرۇھى» (Esqual Group)ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرىدىن «گۇاڭدۇڭ يىدا توقۇمىچىلىق چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى»، «تۇرپان يىدا توقۇمىچىلىق ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەنگەن.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇنىڭغا قوشۇمچە «يىدا گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەنە بىر تارماق شىركىتى بولغان «سانجى يىدا توقۇمىچىلىق ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» داۋاملىق چەكلەش تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ شىركەت چەكلەش تىزىملىكىنىڭ بىر تارمىقىدىن چىقىرىلىپ، يەنە بىر تارمىقىغا قوشۇلىدىكەن. «يىدا گۇرۇھى» ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ئالىخاندرو مايوركاس، گۇماندارلارنى داۋاملىق جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مايوركاس مۇنداق دېگەن: «بىز بۈگۈنكى چەكلەش تىزىملىكىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى توغرا مۆلچەرلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە پايدىلانماسلىقىنى كۈتىمىز. مىنىستىرلىقىمىز ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نى داۋاملىق كەسكىن ئىجرا قىلىدۇ. بىز بۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى، بازارنىڭ ئەركىن ھەم ئادىل بولۇشىنى قوغداپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرىمىز.»
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «يىدا گۇرۇھى» نىڭ «سانجى يىدا توقۇمىچىلىق ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نى 2022-يىكى قارار تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.