مايك گاللاگېر رىم پاپاسى فرانشىسنى خىتايدىن قورقماسلىققا چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.10.06

 ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتى رەئىسى مايك گاللاگېر، 5-ئۆكتەبىر «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، رىم پاپاسى فرانشىسنى خىتايدىن قورقماسلىققا،  ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە خىتايدىكى باشقا خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قورقماي تىلغا ئېلىشقا چاقىرغان. مايك گاللاگېرنىڭ «قورقماڭ: دۇنيا پاپا فرانشىسنىڭ خىتايدىن قورقماسلىقىغا موھتاج» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىسى، بۇ ھەپتە  دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كاتولىك ئېپىسكوپلىرى ۋاتىكانغا توپلىنىپ، پاپا بىلەن مۇزاكىرە ۋە مەسلىھەتتە بولىدىغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. مايك گاللاگېرنىڭ تەكىتلىشىچە، ۋاتىكانغا يىغىلغانلار سابىق رىم پاپاسى، مەرھۇم پاپا جون پائۇلنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى قورقماس روھىنى ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

 مايك گاللاگېر پاپا فرانشىسنىڭ يېقىندا موڭغۇلىيەگە قىلغان زىيارىتىدە خىتايدىكى كاتولىكلارنى «ياخشى خىرىستىيان، ياخشى پۇقرا بولۇش» قا چاقىرغانلىقى، لېكىن ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلارنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. مايك گاللاگېر مۇنداق دېگەن:« فرانشىس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شىنجاڭدا مۇتلەق كۆپچىلىكى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، تىبەتتىكى مەدەنىيەت ۋەھشىيلىكىنى، تىلغا ئالمىغان. ئۇ دېموكراتىيەنى قوللىغىنى ئۈچۈن جازالانغان خوڭكوڭلۇق كاتولىك نەشرىياتچى جىمېي لەينى قويۇپ بېرىشكە چاقىرمىدى. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان كاردىنال جوسېف زېننى ئاقلاشنى تەلەپ قىلمىدى».

مايك گاللاگېر ماقالىسىدە يەنە «شۈبھىسىزكى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى ئېتنىك-دىنىي ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن شىنجاڭدا يۈز بەرمەكتە. لېكىن خىتاي كومپارتىيەسى ھەر كۈنى يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاتىكاننىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئەرزىمىسە يەنە قانداق ئىش ئەرزىيدۇ؟» دەپ كۆرسەتكەن. پاپا فرانشىس 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ موڭغۇلىيەدە تارىخى زىيارەتتە بولغان. پاپا فرانشىس، ۋاتىكان-خىتاي مۇناسىۋىتى ناچارلىشىپ خىتاي ۋاتىكان بىلەن 2018-يىلى ئىمزالىغان كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا موڭغۇلىيەنى زىيارەت قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.