ئۈرۈمچى، سانجى ۋە شىخەنزە شەھەرلىرىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى ھەققىدە سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.12.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋا بۇلغىنىشىنى كۆزىتىش ئورنى 14‏-دېكابىردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، سانجى ۋە شىخەنزە شەھەرلىرىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش ئەھۋالى ھەققىدە سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 13‏-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت كۆزىتىش پونكىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋا بۇلغىنىشقا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشخانىسى 14‏-دېكابىر سائەت 10 دىن باشلاپ يۇقىرىقى 3 شەھەردە سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىشنى قارار قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋاملىق ئېغىرلىشىپ، خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان جىددىي مەسىلىگە ئايلانغان. خەلقئارا يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى 2016‏-يىلى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا خىتايدىكى ھاۋاسى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان 10 شەھەرنىڭ 6 سىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىكەنلىكى، 6 شەھەرنىڭ ئىچىدە قەشقەر ھاۋاسى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان شەھەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھەر كۋادرات كۈپ مېتىر ھاۋاسىنىڭ تەركىبىدىكى 2.5 pm ناملىق زەھەرلىك ماددىنىڭ مىقدارى 100 مىكروگرامدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىدىن 10 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋا بۇلغىنىشقا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشخانىسى 13‏-دېكابىر چىقارغان ئاگاھلاندۇرۇشىدا بالىلار، ياشانغانلار، يۈرەك، نېرۋا ۋە قان تومۇر كېسىلى بارلار تالاغا چىقماسلىقنى، مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىنى ئازايتىشنى، پار قازان، ئاپتوموبىل، سانائەت ۋە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ مەشغۇلاتىنى كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

مۇھىت قوغدىغۇچىلار ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك زاۋۇت-كارخانىلارنى قۇرۇپ رايونغا ئاھالە كۆچۈرۈش شۇنداقلا غۇلجا قاتارلىق جايلاردا كۆمۈر زاۋۇتلىرىنى قۇرۇش رايوننىڭ نازۇك مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالمىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.