موڭغۇل چارۋىچىلار يايلاقلارنىڭ ئىگىلىۋېلىنىشىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

شتابى نيۇيوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇراد ئوتتۇرا خوشۇنىدىكى بىر قىسىم موڭغۇل چارۋىچىلار باياننور شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا بېرىپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

شتابى نيۇيوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇراد ئوتتۇرا خوشۇنىدىكى بىر قىسىم موڭغۇل چارۋىچىلار باياننور شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا بېرىپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نامايىشچىلار ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن يايلاقلارنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىلىۋېلىنغان يەرلەر ئۈچۈن يېتەرلىك تۆلەم تۆلىشى ھەم ئىگىلىۋېلىنغان يەرلەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىگە يازما مەلۇمات ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ مەلۇماتتا مىڭدىن ئارتۇق موڭغۇل چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ قانۇنسىزلىق بىلەن يەر ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى شىكايەت قىلىنغان.

يەرلىرىدىن ئايرىلغان ئۇراد ئوتتۇرا خوشۇنى چارۋىچىلىرى 2013-يىلى 11-ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئۆز نارازىلىقلىرى ۋە ئەرزىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئەرز قىلغۇچى موڭغۇللار مەجبۇرىي ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئىكەن.

موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلارنىڭ ئىگىلىنىۋېلىنىشىغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى باشقا جايلاردىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، 2015-يىلى، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 300 دىن ئارتۇق چارۋىچى كۆكخوت شەھىرىدىكى ئىچكى موڭغۇل دېھقانچىلىق نازارىتى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org