خىتاي ماللىرى پاكىستانغا توشۇلسا، چېگرا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمەيدىكەن
2023.08.23
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 23-ئاۋغۇست كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 22-كۈنى «قەشقەر-ئىسلامئاباد تاشيول قاتنىشى كېلىشىمى» گە ئاساسەن قاتناش باشلاش مۇراسىمى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ خىتايدىن پاكىستانغا ئېچىلغان ۋە تاموژنا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمەيدىغان تۇنجى خەلقئارا سودا يولى ھېسابلىنىدىكەن.
«خەلقئارا تاشيول قاتنىشى كېلىشىمى» (TIR) خەلقئارا قاتناش تۈگۈنلىرىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تاموژنا تەكشۈرۈشىگە ئۇچرىمايدىغان بىر قاتناش سىستېمىسى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «قەشقەرنى تۈگۈن قىلغان سودا يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، ۋاقىتنى تېجەش» ئۈچۈن پاكىستان بىلەن بۇ كېلىشىمنى تۈزگەن. كېلىشىمگە ئاساسەن، قەشقەردىن بېسىلغان مال پاكىستاننىڭ مال ئامبىرىغا كىرگىچە ھېچقانداق تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەيدىكەن، ماللار ماشىنىدىن چۈشۈرۈلمەيدىكەن، قاپلىرى ئېچىلمايدىكەن.
قەشقەر «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان قەشقەرنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك جايى، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نۇقتىسى» قىلىپ بېكىتكەن؛ چوڭ يىغىنلارنى ئېچىپ، خېرىدار چاقىرىپ، سودىگەرلەرنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلغانىدى.
ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىر كېلىدىغان قەشقەر-ئىسلامئاباد تاشيولىدا خىتاي ماللىرىنىڭ پاكىستانغا توسقۇنسىز توشۇلۇشى ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنىڭمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن ئېكسپورت قىلىنىشىغا، ئامېرىكاغا كىرەلمەيدىغان ماللارنىڭ پاكىستان ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە ماڭدۇرۇلۇشىغا كەڭ يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.