ئەنگلىيەلىك پىئانىنوچى بىلەن خىتاي ياشلىرى ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.02.13

يېقىندا ئەنگلىيەلىك بىر پىئانىنوچى بىلەن بىر تۈركۈم «قىزىل پاچاق» خىتاي ياشلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇتتەھەملىكى ھەققىدە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغانىدى.

لوندوندىكى ساينت پانكۇلاس بېكىتىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە پىئانىنوچى بىراندون كاۋاناھ (Brendan Kavanagh) پىئانىنو چېلىپ نەق مەيدان تارقىتىش قىلىۋاتقاندا خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر قانچە نەپەر خىتاي ياش ئۇنى نەق مەيدان تارقىتىشىنى توختىتىشقا قىستاپ، بىز ئېكرانغا چىقىپ قېلىشنى خالىمايمىز، دېگەن ھەتتا ئۇنى ئىرقچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. ئۇلارنىڭ كۆكەمىلىكىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ ئولتۇرغانلار بولسا بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران قېلىشقان ۋە بۇ ۋەقە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقىلىپ زور ئىنكاس قوزغىغانىدى.

ئامېرىكا ئاۋازى پىئانىنوچى براندون ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ۋەقە ھەققىدە سۆزلەشكەندە، ئۇ بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزىگە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ئۆزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئەركىن يۈرۈۋاتقان بۇ خىتاي ياشلىرىنىڭ ئەكسىچە بۇ يەردە باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق يىرگەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

براندون ئەپەندى ھازىر خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى ۋە ھەمدە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغۇچىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا ئەسكەرتىپ «مېنىڭ دەردىم خىتايلار ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسى. بۇ بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدۇر» دېگەن.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەنگلىيەدە ئۆزىنى يوشۇرۇپ قوللىغان بىراق ئائىلىسى خىتايدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئاشۇ كىچىككىنە قوللىنىشىنىمۇ يوشۇرۇن ھالدا كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھالىغا قاراپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانچىلىك مۇستەبىتلىكىنى چۈشەنگەنلىكىنى دېگەن. ئۇ يەنە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە «قىزىل پاچاق» دېگەن گەپنى ئۆگىتىپ قويغانلىقىنى دەپ، «مەن غەربتە ياشاپ تۇرۇپ، بۇ يەردە كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بايراقدارلىقىنى قىلىۋاتقان بۇ قىزىل پاچاق ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى تۇرىمەن» دېگەن.

پىئانىنوچى براندون يەنە، بۇ كىشىلەرنىڭ لوندوندا خىتاينىڭ قانۇنىنى ئىجرا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ دۆلەت ھالقىغان زۇلۇم دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.