ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
2018.03.14
سەيشەنبە كۈنى «ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» خىتايدىكى پىكىر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى ۋە خىتايدىكى پىكىر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان بېسىمنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ئەڭ قاتتىق دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق يۇقىرى تېخنىكا ئىمكانلىرى، يېڭى قانۇن ۋە تۈزۈملەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق خىتايدىكى ئۆكتىچى پىكىرلەرنىڭ ئىپادە قىلىنىشى، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە بولغان چاقىرىقلارنى يوقاتقانلىقى، تور تەنقىدچىلىكىنى جىمىقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ دوكلات خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلىرى، يازغۇچىلار، پائالىيەتچىلەر ۋە باشقا كىشىلەر ھەم شۇنداقلا خىتايدىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتلەر نەتىجىسىدە تەييارلانغان.
«ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆسەك سۆز تارقىتىشقا قارشى تۇرۇش» دېگەن باھانە بىلەن ھەقىقەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى توسۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يۇقىرىقى بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغان ئوخشاش بىر كۈندە، يەنى 13-مارت سەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يەنە 11 كىشىنى توردىكى پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئىنتېرنېت-ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتىن قارىغاندا، 7 نەپىرى ئۇيغۇر، 1 نەپىرى قازاق ۋە ئۈچ نەپىرى خىتاي بولغان بۇ كىشىلەر توردا «تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش ۋە تارقىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىت تەشۋىقاتلارنى قىلىش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى يەنىمۇ ئۇلغايتىپ، رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.