پرېزىدېنت بايدېن پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا «مەغلۇپ بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.07.14

بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ۋە ئارقىدىن لىتۋا بىلەن فىنلاندىيەدە زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش «مۇمكىنچىلىكى يوق» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇرۇشتا «مەغلۇپ بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ۋاشىنگتوندىكى «تۆپىلىك» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بايدېن بۇ سۆزنى 13-ئىيۇل فىنلاندىيە پرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستۆ بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلار كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنانىڭ NATO ئەزا بولۇشى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسى پۇتىننىڭ ئۇرۇشنى تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش-چىقارماسلىقىغا دائىر بىر سوئالغا قارىتا ئېيتقان.

بايدېننىڭ ئېيتىشىچە، ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغاندا NATO غا قوبۇل قىلىنمايدىكەن. ئۇ بۇنىڭ پۈتكۈل ئىتتىپاقنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. پرېزىدېنت بايدېن مۇنداق دېگەن: «بۇ پۇتىننى داۋاملىق ئۇرۇشتىن ساقلاپ قالامدۇ-يوق دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، پۇتىن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ بولدى». بايدېن يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەمما ئاخىرىدا قانداق كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى، پۇتىن ۋە ئۇنىڭ نېمە قىلىشنى قارار قىلىشىغا باغلىق. لېكىن ئۇنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق. ئۇ ئاللىبۇرۇن بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ بولدى».

پرېزىدېنت بايدېن بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى لىتۋا پايتەختى ۋېلنىئۇستا ئۆتكۈزۈلگەن NATO ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان. يىغىندا خىتاينىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان. NATO غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 2 كۈنلۈك يىغىنى ئەسناسىدا ئېلان قىلغان ئورتاق خىتابنامىدە، كۈچلۈك سۆز-ئىبارىلەر بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «مەلۇم بولغان خىرىسى ۋە زورلاش خاراكتېرلىك سىياسىتى» نىڭ ئىتتىپاقنىڭ مەنپەئەتى، بىخەتەرلىكى ۋە ئۇنىڭ قىممەت قارىشىغا خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ئورتاق خىتابنامىدە يەنە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ «ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قائىدە-قانۇنلار ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.