خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىنى «قۇرۇقلۇق پورتى» غا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن
2023.02.08
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تورىغا چىقىرىلغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ غەربكە ئېچىلغان دەرۋازىسى قىلىش پىلانى بويىچە، ئۈرۈمچىنىڭ «بىر قۇرۇقلۇق پورتى، بەش مەركەز» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىنى «خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى» غا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، بۇ شەھەردە قاتناش مەركىزى، مال توشۇش مەركىزى، مەدەنىيەت-مائارىپ مەركىزى، تېببىي مۇلازىمەت مەركىزى، رايونلۇق پۇل-مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشنى تېزلەتكەن؛ شۇ ئارقىلىق ئۈرۈمچىنى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا كەڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سودا ئالماشتۇرۇش مەركىزى قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان.
ئۈرۈمچىنى «خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى» غا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى 2015-يىل باشلانغان بولۇپ، 2019-يىلىغا كەلگەندە 23 دۆلەتكە مال توشۇش تۈگۈنىگە ئايلانغان، 2022-يىلىغا كەلگەندە ئۈرۈمچىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا قاتنايدىغان پويىز 1165 كە، خەلقئارا تاشيول ئارقىلىق مال توشۇيدىغان ماشىنا 19 مىڭغا يەتكەن. ئۈرۈمچىدىن باشلىنىدىغان «ئاۋىئاتسىيە يىپەك يولى» دىن قاتنايدىغان ئايروپىلان ھەپتىدە 9 قېتىمغا يەتكەن.
خەۋەردە يەنە «ئۈرۈمچىنىڭ ‹بىر قۇرۇقلۇق پورتى، بەش مەركەز» قۇرۇلۇشى تاماملانسا، خىتاي كارخانىلىرى ۋە خەلقئارالىق كارخانىلار شىنجاڭغا توپلىنىدۇ» دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇش پىلانىنى ئاللىقاچان تۈزگەن بولۇپ، ئۈرۈمچىنى «خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى» غا ئايلاندۇرۇش دائىرىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە يۇقىرى «تەرەققىيات نىشانى» بولغان. ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئەپەندى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ خىتايغا ئىقتىسادىي مەنپەئەتلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتايدىن مەنپەئەت كۆرگەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانات ئاستىغا ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.