بۇ قېتىمقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا، خىتاي ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ تەرەپدار توپلىماقچى بولغان
2024.07.04
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ بۇ يىغىندا نۆۋەتتىكى دۇنيادا كۆپ قۇتۇپلۇق خەلقئارا ۋەزىيەت بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. يىغىندا ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، ، خىتاينىڭ ئۆز ئەتراپىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ توپلاشقا ئۇرۇنغانلىقى نامايان بولغان.
«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ 4-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ بۇ يىغىندا كۆرۈشۈپ، غەرب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن. پۇتىن بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي تۈزگەن «بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىككە داۋاملىق زەربە بېرىش ھەققىدىكى ئالاھىدە پىلان» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شى جىنپىڭ بولسا، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنى «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش ۋە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى» گە قارشى بىرلىك سەپنى مۇستەھكەملەشكە، ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئۆزئارا ھەمبەھىرلەشكە چاقىرغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى خىتاي ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن داۋالغۇش ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي، غەربىي رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ تەشكىلاتنى قۇرغان. تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۆز ۋاقتىدا رايون خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىش دېيىلگەن بولسىمۇ، ھازىرقى كۈندە ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى بىر كۈچ بولۇپ ئۇيۇشۇۋاتقانلىقى مەلۇم. چۈنكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىرانمۇ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا قىلىنغان، بۇ قېتىم بولسا بېلورۇسىيە ئەزا قىلىنغان. مەزكۇر تەشكىلات يەنە تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە مىسىرنى كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە قاتناشتۇرغان.
ئەزەربەيجان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئەزەربەيجان بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق بەرپا قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەزەربەيجاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.