ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى چارشەنبە كۈنى ئوكىناۋا ناھىيىسىنىڭ ئىشىگاكى ئارىلىدا تۇرۇشلۇق سېنكاكۇ ئارىلىنى ساقلاۋاتقان ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچى ئەترىتىنى زىيارەت قىلىپ، سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ياپونىيە زېمىنى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، دېڭىز قوغدىغۇچى ئەترىتىگە قىلغان سۆزىدە، ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي كېمىلىرىنىڭ داۋاملىق سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىغا ئۈسۈپ كىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ، سېنكاكۇ ئارىلى تارىخىي ۋە خەلقئارا قانۇن جەھەتلەردە شەك-شۈبھىسىز ياپونىيىنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسىتىپ، ياپونىيىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا تېررىتورىيىسىنى داۋاملىق قوغدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىنزۇ ئابې سېنكاكۇ ئارىلىنى قوغدىغۇچى دېڭىز ئەترىتىنى زىيارەت قىلغان شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلىپ، ياپونىيىنى تەنقىد قىلغان. ئاق تاشلىق كىتابتا، ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، جۇڭگونىڭ زېمىن ۋە دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ بۇنىڭغا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، زېمىن ۋە دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
