خىتاي تەرەپ ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىلىق ئارقا-ئارقىدىن سىگنال بېرىشكە باشلىغان

ئامېرىكانىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن سىگنال بېرىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دونالد ترامپ ئىككىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى باشلىشى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق قارشىلىشىشنىڭ ئورنىغا ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسىدا بولماقتىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن ترامپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان كۈنى بەرگەن ئاخبارات باياناتىدا، «خىتاي ئامېرىكانىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاش، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ» دېگەن.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ 20-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقىلى كەلگەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭمۇ ئامېرىكانىڭ يېڭى نۆۋەتلىك مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج د ۋەنس بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكى شەخسلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇلارنى «خىتايغا مەبلەغ سېلىشقا ۋە ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناشقا» چاقىرغان.

بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ «ئامېرىكا ئاۋازى» غا بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى نۆۋەتتە «ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقنى ئازايتىش ئۈمىدىنى ئوچۇق ئىپادە قىلماقتا ئىكەن. تېخىمۇ ئېنىقراقى، خىتاي تەرەپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان دەسلەپكى ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى، تېخىمۇ مۇھىمى ترامپنىڭ خىتايغا قويىدىغان جازا تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىشىدىن ساقلانماقچى» ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، دونالد ترامپ خىتاي، مېكسىكا ۋە كانادادىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارغا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشنى ۋاقتىنچە توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆز ۋاقتىدا يەنە ئامېرىكا سودا ۋەكىلىدىن خىتاينىڭ 2020-يىلى ئىمزالانغان «1-باسقۇچلۇق» سودا كېلىشىمىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق بەرگەن. ترامپ يەنە، ئەگەر خىتاي TikTok مەسىلىسىدە بىر يەكۈنگە كەلمىسە، خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقى توغرىلىق تەھدىت سالغان.