خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۈركىيە تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىشى دىققەت قوزغىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.06.26

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 26-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا «ھازىرقى زامان تۈركىيەدە سىياسىي، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت: خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. يىغىندا سۆز قىلغان خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى پەن جىپىڭ ئالاھىدە قىلىپ، «ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى كۈچەيتىش» نى تەكىتلىگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يېقىندا ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چاقىرىلىشى، يەنە كېلىپ يىغىن ئورنىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بولۇشى دىققەت قوزغىماقتا. شۇ قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا خاقان فىدان ئېنىق قىلىپ، «ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر ئەمەلىيەتتە تۈرك-ئىسلام شەھەرلىرىدۇر» دېگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولسا بۇ سۆزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەيدىغان سەپسەتىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلىگەندەك، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «دوستلۇق» نى ئالغا سۈرۈشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سۆز قىلمىغان. ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتلىرىنى ئاقلاشتا يىللاردىن بۇيان بايراقدارلىق رولىنى ئويناۋاتقان پەن جىپىڭغا ئوخشاش ئاتالمىش «ئالىم» لارنىڭ سۆز قىلىشىمۇ بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مەقسىتى ھەققىدىكى بەزى گۇمانلارغا زېمىن ھازىرلىغان.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى ئاشكارا ھالدا «قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغاندىن بۇيان تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.