تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۆتكەن ھەپتە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغانلىقىنى رەت قىلغان
2024.10.25
تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 24-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، 17-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەكچى بولغانلىقىنى رەت قىلغان.
باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، «بەزى تاراتقۇلاردا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا تارقالغان ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن بولغان بىر شەخسنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» ئىكەن. باياناتتا، ئالاقىدار قانۇنلار بويىچە «ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغان، ئىرقىي، دىنىي مەنسۇبىيىتى، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپقا مەنسۇپ بولۇشى ياكى سىياسىي قاراشلىرى سەۋەبىدىن ھاياتى ۋە ئەركىنلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدىغان بىر جايغا ئەۋەتىلمەيدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
باياناتتا، بۇ شەخسنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر ئۇيغۇرنىڭ 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش بويىچە تۈركىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان، شۇنداقلا بۇ شەخسنىڭ 20-ئۆكتەبىر كۈنى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى بىر چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىگە تاپشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا يەنە، «ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بارمىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. بۇنىڭ ئالدىدا، ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق مەھمۇد ئانايەت ئىسىملىك ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئۈچ پەرزەنتى بولغان مەھمۇد ئانايەتنىڭ تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن تۈركىيەدىكى «قارار» گېزىتىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەھمۇد ئانايەتنى قولغا ئېلىش قارارى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى بويىچە 6 ئاي قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. «قارار» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، كۆچمەنلەر ئىدارىسى «ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمىغانلىقى» نى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما 2018-يىلدىن بېرى قۇۋانخان، زىننەتگۈل تۇرسۇن، ئاينىسا تۇرسۇن، بۇرھان كېرىم، مۇھەممەت ئەلى، ئادىلجان توختى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى، ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ تاجىكىستان ئارقىلىق يوللانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.