تۇرپاننىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 52.2 گىرادۇسقا يېتىپ دۇنيانىڭ ئەڭ ئىسسىق نۇقتىسىغا ئايلانغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.07.17

 ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان شەھىرىدىكى ئىدىقۇت رايونىغا قاراشلىق ئاستانا بازىرىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 16-ئىيۇل كۈنى 52.2 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ دۇنيانىڭ ئەڭ ئىسسىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ مەزكۇر رايوننىڭ ھازىرغا قەدەر خاتىرىلەنگەن ئىسسىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئەڭ رېكورت نۇقتىسى ئىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خىتاي مېتېئورولوگىيە دائىرىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋەرلىرىدە، رېكورت خاراكتېرلىك بۇ خىل ئىسسىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئاز دېگەندە بۇنىڭدىن كېيىن يەنە 5 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئاستانا 16-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى «ئۆلۈم جىلغىسى» دىن قالسا، دۇنيانىڭ ئەڭ ئىسسىق رايونى بولغان قالغان. كالىفورنىيەدىكى «ئۆلۈم جىلغىسى» نىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ 16-ئىيۇل كۈنى 53.3 سېلسىيە گىرادۇسقا چىققانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

 تۇرپان ئاستانانىڭ 16-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنىدىكى ئىسسىق تېمپېراتۇرىسى ئۇنىڭ ئىلگىرىكى 50.3 سېلسىيە گىرادۇسلۇق رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلى تۇرپاننىڭ ئايدىڭ كۆل ئەتراپىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 50.3 گىرادۇسقا يېتىپ بارغانىكەن. تۇرپاننىڭ 16-ئىيۇل دۇنيادىكى ئەڭ ئىسسىق رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى خىتاينىڭ «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» پىلانى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدا كۆپلەپ كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى قۇرۇپ، كۆمۈر سەرپىياتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتكەن، بۇ تېخىمۇ كۆپ كاربون گازىنىڭ ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئەزەلدىن نازۇك بولغان ئىدېئولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە ھاۋاسىغا تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرۇلۇشىدىن كېيىن بارلىققا كېلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

 يەكشەنبە كۈنى ھاۋانىڭ ئىسسىپ قاراغوجانىڭ تېمپېراتۇرىسى 53.3 گىرادۇسقا چىقىشىدىن بىر كۈن كېيىن، يەنى 17-ئىيۇل ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ يەرشارى ھاۋا كىلىماتى ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى جون كەررىي بېيجىڭدا خىتاينىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىشلىرى ۋەكىلى شيې جېنخۇا بىلەن ئۇچراشقان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچرىشىشتا جون كەررىي كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.