ئۇيغۇر ماھىرلار خىتاينىڭ بوكس مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.10.29

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 27-ئۆكتەبىر كۈنى ئاياغلاشقان 2024-يىللىق «مەملىكەتلىك ئەرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى» دا، «شىنجاڭ كوماندىسى» نامىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېداللارغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بوكس ساھەسىدىكى تالانتىنى يەنە بىر قېتىم جارى قىلدۇرغان.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 29-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «مەملىكەتلىك ئەرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى» خىتايدىكى بوكىس ساھەسىدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقە ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يىلقى مۇسابىقە 37 كوماندىغا مەنسۇپ 600 دىن ئوشۇق بوكسچى قاتناشقان. ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇرېشىت رەھىموللا 92 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە رەقىبلىرىنى بىر-بىرلەپ يېڭىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ سەپداشلىرىدىن ئەلقۇت قاھار 75 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە كۈمۈش مېدال ئالغان. قازاق ماھىرلاردىن ئېردەۋلەت مايرامبېك 71 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە مىس مېدال ئالغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بوكىس مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇشۈكۈر مىجىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، «پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىن دۆلەت كوماندىسىدىكى پۈتۈن ماھىرلار ئۆز جايلىرىغا قايتىپ كەلدى ۋە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتى. شۇڭا بۇنىڭدا مېدال ئېلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ماھىرلار تەنتەربىيە تۈرىدە ئوخشىمىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەن جەھەتتىكى ساپاسىنىڭ ياخشىلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق نامايەن قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەنتەربىيە ساھەسى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇشتىكى ئاكتىپ ۋاسىتىلەردىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.