ئۇيغۇر رايونىدىكى شىركەتلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار» نى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.03.28

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلىرى يېقىندا خىتاينىڭ خۇبىي، گەنسۇ، سىچۈەن ۋە خېنەن ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللىگەن.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئىختىساسلىقلار» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ، قومۇل ۋە بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ۋىلايەت-ئوبلاستلاردىكى دۆلەت ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى 22 شىركەت ۋە كارخانىغا قوبۇل قىلىنىدىكەن. بۇ ئورۇنلار نېفىت قۇرۇلۇشى، دورىگەرلىك، ئېلېكترون قۇرۇلۇشى، ماشىنا، يول ۋە كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان كەسپىي ساھەلەردىن تەشكىل تاپىدىكەن.

خەۋەردە خىزمەت ئىزدەۋاتقان بۇ خىتاي ياشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەتكە تىزىملاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان، شۇنداقلا «شىنجاڭنىڭ غايەت زور تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە مۇكەممەل پاراۋانلىق سىستېمىسى نۇرغۇن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى» دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلىدىن باشلاپ زور كۆلەملىك تۇتقۇننى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھە ۋە ھەر خىل ياشتىكى يېتىشكەن زىيالىيلىرىنى لاگېرلارغا سولىغان. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىن «ئىختىساسلىقلار» نامىدىكى كۆچمەن يۆتكەش ئىشلىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان ئىدى. يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر، ئاشلىق، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە پاختا بازىسىغا ئايلاندۇرۇش چاقىرىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا يەرلەشتۈرۈشكە، ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى چۆكۈرۈشكە كىرىشكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.