ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشماقچى بولغان مايامى شەھەر باشلىقى فرانسىس سۇئارېز (Francis Suarez) 6-ئاينىڭ 27-كۈنى رىياسەتچى خيۇ خىۋېت (Hugh Hewitt) نىڭ رادىيو پروگراممىسىغا قاتناشقان. خيۇ خىۋېت ئۇنىڭدىن «سايلام داۋامىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالامسىز؟» دەپ سورىغاندا «ئۇيغۇرلار كىم؟» دەپ سوئال قويغان، ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغان بىر سىياسەتچىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىلمەسلىكى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا دەرھال قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.
ئۇزاق ئۆتمەيلا فرانسىس سۇئارىز بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ، رىياسەتچىنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنى تەلەپپۇزى قىلىشىدىكى مەسىلە تۈپەيلىدىن ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ ھەقتە تۋېتتېردا «ئەلۋەتتە، مەن خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چېكىۋاتقان ئازابىنى بىلىمەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئېتىقادى سەۋەبىدىن قۇل قىلىنماقتا. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ئەھۋالى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. ئۇ يەردە ئېتىقادلىق ئاممىنىڭ ھەممىسى زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا. رىياسەتچى دوستۇم خيۇ خىۋېتنىڭ تەلەپپۇزىنى ئۇقالمىدىم، بۇ سەۋەنلىك مەندە» دېگەن.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان فرانسېس سۇئارېزنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىلمەسلىكى تەبىئىي ھالدا تاراتقۇلاردا غولغولا قوزغىغان. ئارقىدىن فرانسېس سۇئارېز بۇ سەۋەنلىكىگە چۈشەنچە بەرگەن. مانا بۇلار ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ 2024-يىللىق پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مۇھىم بىر مەسىلىنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقان سۆزى بىلەن قوزغالغان غۇلغۇلانىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا جامائىتىدە تېخىمۇ تونۇلۇشۇنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
