خىتاي قانۇن چىقىرىپ، «باشقىلارنى بىئارام قىلىدىغان كىيىم-كېچەكلەر» نى چەكلىمەكچى بولغان
2023.09.06
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن چىقىرىپ، پۇقرالارنىڭ «باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى بىئارام قىلىدىغان كىيىم-كېچەكلەر» نى كىيىشىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى»، «مۇستەقىللىق» گېزىتى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان قانۇن لايىھەسىدە «خىتاي خەلقىنىڭ روھىي كەيپىياتىغا زىيانلىق، خىتاي خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان كىيىم-كېچەك، سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىدىكى خاھىشلار» چەكلەنگەن ئىكەن. لېكىن مەزكۇر قانۇن لايىھەسى دەرھال چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ئۇلار، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چەكلىشى، ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى كىيىنىش ئادەتلىرىنى «ئاشقۇنلۇقنىڭ ئىپادىسى»دەپ باستۇرغان خىتاينىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ قانۇننى ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ زەربە بېرىشنىڭ بىر باھانىسى قىلىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشتىن ئىلگىرى، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رادىكاللىقنى تۈگىتىش نىزامى» نى ماقۇللاپ، ياغلىق ئارتقان، ھىجابلانغان، ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن ئاياللارنى؛ ساقال قويۇپ، ئوشۇقىنىڭ ئۈستىدە ئىشتان كىيگەن ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنى تۇتقۇن قىلغان. «رادىكاللىقنى تۈگىتىش نىزامى» دا بۇ خىل كىيىم-كېچەك ۋە ياسىنىش ئادىتى «دىنىي رادىكاللىق» نىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالغان ئىدى. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە قانۇن لايىھەسى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ لايىھە مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇ يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتى كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى ياكى 5000 يۈەن جەرىمانە تۆلەش جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت قانداق كۆرۈنۈش ۋە سۆز-ھەرىكەتنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، دەپ قارىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. خەۋەردە، بۇ قانۇن يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۇرۇنۇشىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.