ئامېرىكا تاموژنىسى خىتاينىڭ لوڭجى سولار مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دەپ تۇتۇپ قالغان

ئامېرىكا تاموژنىسى خىتاينىڭ لوڭجى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ قالغان.

بلۇمبېرگ گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، لوڭجىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى ئامېرىكا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، شىركەتنىڭ پاي باھاسى 9 پىرسەنتتىن كۆپ تۆۋەنلىگەن، بازار قىممىتى بىر كۈندە 50 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئازايغان.

ئامېرىكا چېگرا دائىرىلىرى لوڭجى شىركىتىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنىڭ خام ئەشياسى كۆپ كرىستاللىق كرېمنىي ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن توسقانىكەن.

بۇ نۆۋەت يەنە، خىتاينىڭ «JinkoSolar»، «كانادا قۇياش ئېنېرگىيەسى» ۋە «Trina Solar» نىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان «خوشىن كرېمنىي سانائىتى شىركىتى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ خىتاينىڭ بىر قىسىم قۇياش ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە ئالغان. لوڭجى شىركىتىنىڭمۇ بۇ قارا تىزىملىككە قوشۇلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتىكەن.