خىتاي «تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن يۈز نەپەر قاچقۇن» دىن پەقەت بىر نەپىرى خىتايغا قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.03.11


ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىللىنىپ پارىخورلۇق ئارقىلىق غايەت زور مال-مۈلۈك توپلىغاندىن كېيىن چەتئەلگە قېچىپ كېتىش ئىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يوقىرى قاتلىمىدىكى ئەمەلداردا دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسىگە ئايلانغان ئىدى.

شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان پارىخور ئەمەلدارلارغا قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن ھارام مال-مۈلكىنى يۈدۈپ چەتئەلگە قېچىپ كېتىدىغان ھادىسىلەر تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلمەكتىكەن.

خەلق تورىنىڭ 10-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى كىرگەندىن بۇيان «تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن يۈز نەپەر قاچقۇن» نى قايتۇرۇپ كېلىش ئىشىنى جىددىي كۈنتەرتىپكە قويغان.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنچە تىرىشچانلىقىغا قارىماي، «تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن يۈز نەپەر قاچقۇن» دىن ئاران بىر نەپىرىنىڭ يېقىندا ئامېرىكىدىن خىتايغا قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى مەلۇم. ئۇ تۇتۇش بۇيرۇقىدىكى 40-نومۇرلۇق قاچقۇن ئەمەلدار ۋاڭ جياجې ئىكەن.

خىتاي گەرچە ھازىرغا قەدەر تۇتۇش بۇيرۇقىدىكى يۈز نەپەر قاچقۇن ئەمەلداردىن 39 نەپىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كىملىكى، قانداق ئۇسۇل قوللىنىپ قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتايدىكى پارىخور ئەمەلدارلارىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كېتىش ھادىسىسى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايدا ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت سۈرىشىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.