ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى خىتاينى پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ «باش چېمپىيونى» دەپ كۆرسەتتى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنتى ترامپ بۇ سۆزنى 23-فېۋرال ئاقسارايدا رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېگەن.
پرېزىدېنت ترامپ زىيارەتتە، خىتاينىڭ پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىشى، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى، خىتاينىڭ جەنۇبىي كورېيەگە بولغان تەسىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان.
پرېزىدېنت ترامپ ئىلگىرى پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان تۇنجى كۈنى خىتاينى پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت دەپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي توۋارلىرىغا 45% باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. پرېزىدېنت ترامپ بۇ ۋەدىسىنى ھازىرغا قەدەر ئەمەلگە ئاشۇرمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ، رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئۆزىنىڭ بۇ پىكرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ترامپ، «ئۇلار (خىتاي) پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىشنىڭ باش چېمپىيونى. بۇ پىكرىمدە ئۆزگىرىش بولمىدى. بىز پەقەت قانداق بولۇشىنى بىر مەزگىل كۆزىتىمىز» دېگەن. پرېزىدېنت بۇ سۆزنى قىلغان دەل شۇ كۈنى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېفىن مۇمكىن ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتىدا، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىزىغا قاراپ بىر قارارغا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق پۇل-مۇئامىلە ئانالىز دوكلاتى ھەر يىلى ئاپرېل ۋە ئۆكتەبىر ئايلىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ.