خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ئىلگىرى بىر قېتىمدىلا 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن
2021.08.02
خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق بىر ئالاھىدە ئۇرۇش ئەترىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قېتىملىق ۋەقەدە 17 نەپەر ئۇيغۇرنى بىراقلا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2-ئاۋغۇست بەرگەن بىر خەۋىرىدە بۇ قەتلىئامنىڭ مەلۇم بىر يىلى 7-ئايدا يۈز بەرگەنلكى ئاشكارىلانغان، بىراق ئۇنىڭ قايسى يىلى، قەيەردە يۈز بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ قانداق ۋەقەلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ئادەتتىكى نارازىلىق ۋەقەلىرىنىمۇ «زوراۋان تېررورلۇققا» باغلاپ قوراللىق باستۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقى مەلۇم.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەشقەردىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەنجىرى» دەپ نام بېرىلگەن بىر ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ شۇ قېتىمقى ۋەقەدە 17 نەپەر ئاتالمىش «زوراۋان تېررورچى» نى بىر قېتىمدىلا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، 121 كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئەترەت 31 قېتىم ئاتالمىش چوڭ كۆلەملىك «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» غا قاتنىشىپ ھەممىسىدە غەلىبە قىلغان ۋە 180 نەچچە قېتىم مۇكاپاتلانغانىكەن. ئۆتكەن ئايدا خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ مەزكۇر ئەترەتنى خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى نامىدىن مۇكاپاتلاپ، ئۇنىڭغا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەنجىرى» نام بەرگەن.
شى جىنپىڭ بۇ نامنى غەربتىكى بەزى دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈش، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويغان، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا» ئائىت خەۋەر ۋە دەلىللەرنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بەرگەنىدى.