ئامېرىكا تور ھۇجۇمى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ «بېيجىڭ يوڭشىن جىچېڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى» نى جازالىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.01.06

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى، يەنى 3-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ «بېيجىڭ يوڭشىن جىچېڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نى «فلاكس تەيپىڭ» ناملىق داڭلىق خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچ، دەپ جازالىغان.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «بېيجىڭ يوڭشىن جىچېڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىغا باغلىق زور كۆلەملىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ھۆددىگەرلىك شىركىتى ئىكەنلىكى، بۇ شىركەتنىڭ خاككېرلىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ، ئامېرىكا ۋە چەت ئەلنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم نىشان قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى غەرب ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بېيجىڭنى بازا قىلغان بۇ شىركەتنى «فلاكس تەيپىڭ» خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچ، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ئىكەن.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفېر رېي ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا، بۇ شىركەتنى «خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا ئىستىخبارات توپلاش ۋە رازۋىتكا پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتىمۇ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە تور ئەمەلدارلىرى «بېيجىڭ يوڭشىن جىچېڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ يەر شارى بويىچە 250 مىڭدىن ئارتق ئەسلىھەگە سۇقۇنۇپ كىرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ئىكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى «بېيجىڭ يوڭشىن جىچېڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» ۋە «فلاكس تەيپىڭ» ۋەقەسىدە «ھەقسىز يەكۈن» چىقىرىپ، خىتاينى «ئاساسسىز ئەيىبلەش» بىلەن تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكانىڭ «بېيجىڭ يوڭشىن جىچېڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى» غا يۈرگۈزگەن ئېمبارگو قارارى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىر خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ تور بېتىگە سۇقۇنۇپ كىرىپ، نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى، بۇ ھۇجۇمنىڭ مىنىستىرلىق ئېمبارگو ئىشخانىسىنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشىنىڭ ئارقىسىدىن يۈرگۈزۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.