ئۇيغۇر سەرخىللىرى خىتاينىڭ «جۇڭخۇا كىملىكى» تەشۋىقاتىغا قورال قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.03.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 7-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 14-نۆۋەتلىك 1-ئومۇمى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئۇسسۇل ساھەسىدىكى ۋەكىللىك شەخسلەردىن دىلنار ئابدۇللا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قەلبلەرگە سىڭىپ كەتسۇن» تېمىسىدا سۆز قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ سۆزىدە «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى شىنجاڭغا سىڭدۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شىنجاڭنىڭ بىپايان زېمىنلىرىغا سىڭىپ كەتكەندە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا زور ئۇتۇقلار قولغا كېلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

دىلنار ئابدۇللا سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدا خىتاي كىملىكىنى ئاساس قىلغان «جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكى ئورتاق گەۋدىسى» نى تەشۋىق قىلىدىغان تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە كۆرگەزمە زاللىرىنى كۆپلەپ تەسىس قىلغانلىقىنى ماختىغان. شۇنىڭدەك «نۆۋەتتىكى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇغىرىش قۇرۇلۇشى تېخى باشلانغۇچ سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ خىل مەدەنىيەت بىلەن سۇغىرىش خىزمىتى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى مەدەنىيەت خىزمىتى ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەييارلىغان «ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى» ناملىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىۋاتقان بىر مۇھىم ھەرىكەت ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مىڭلىغان ۋەكىللىك شەخسلەرنى لاگېرغا ۋە تۈرمىلەرگە قامىغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماستىن ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بارلىق ۋەكىللىك قۇرۇلۇشلارنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىكى يېتەكچى ئىدىيەنىڭ «يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش» دەيدىغان شوئار بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي خىتايچە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئىگىلەشكە باشلىغان، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى كىچىكىدىن خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇرلىنىپلا قالماستىن يەنە خىتاي چاڭچىلىسىنى مەدەنىيەت دەرسلىكى قىلىپ ئۆگىنىشكە زورلىنىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. بۇ جەرياندا خىتاي مەدەنىيىتى ئىزچىل «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نامىدا ئورتاق قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان مەدەنىيەت كىملىكى بولۇپ قالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان دىلنار ئابدۇللاغا ئوخشاش نامى چىققان ئ‍ۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلارغا قورال قىلىپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىنمۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا دىلنار ئابدۇللانىڭ ئېغزىدىن بۇ خىلدىكى خىتاي مىللىتى ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلىشنى «جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئالغا سۈرىدۇ» دەپ جاكارلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.