ياپونىيە باش ۋەزىرى خىتاي باش مىنىستىرىغا «خىتاي خەلقئارا تەرتىپكە ئەمەل قىلىشى زۆرۈر» دېگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.07.15

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا خىتاينىڭ قانۇن-قائىدە ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپكە ئەمەل قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

شىنزو ئابې بىلەن لى كېچياڭ جۈمە كۈنى موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتورغا كۆرۈشكەن. ئۇلار موڭغۇلىيەگە ئۇلانباتوردا چاقىرىلغان ياۋرو-ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شىنزو ئابې بىلەن لى كېچياڭ جۈمە كۈنى يىغىن ئارىسىدا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سېنكاكۇ ياكى «دياۋيۈ» ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى سەۋەبلىك ناچارلىشىپ كەتكەن مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئىزدىنىپ كۆرگەن.

سەيشەنبە كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ شەھىرىدىكى خەلقئارا سوت كېسىم چىقىرىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا «تارىخىي ئىگىلىك ھوقۇقى» بارلىقىنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى خادا تاشلارنى تىندۇرۇپ سۈنئىي ئارال ياسىشى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى رايون، دەپ ئېلان قىلىشى ب د ت دېڭىز-ئوكيان ئەھدىنامىسىگە خىلاپ، دەپ ئېلان قىلغان.

قاراردا يەنە، خىتاينىڭ ھەرىكىتى فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا خەلقئارا سوتنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئەمما ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فومىئۇ كىشىدا، بۇنىڭ «ئاخىرقى قارار ۋە قانۇنىي كۈچى بارلىقى» نى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. شىنزو ئابې ئۇلانباتوردا چاقىرىلغان ياۋرو-ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا، چوقۇم شىمالىي كورېيە مەسىلىسى بىلەن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.