ئەنخۇي ئۆلكىسىدە نەچچە مىڭ دېھقان زوراۋانلىق بىلەن يەر ئىگىلەشكە قارشى نامايىش قىلدى
2013.11.19
18-نويابىر خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى تەيخې ناھىيىسىدە نەچچە مىڭ دېھقان ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلىنىپ، زوراۋانلىق بىلەن يەر ئىگىلەشكە قارشى نارازىلىق نامايىش قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، تەيخې ناھىيىسىگە يېڭىدىن پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئەمەلدار دېھقانلارنىڭ يېرىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلەشنى تەشەببۇس قىلىپ «قانۇنسىز سېلىنغان قۇرۇلۇش» نامىدا دېھقانلارنىڭ نەچچە يۈز ئېغىز ئۆيىنى ئۆرۈۋەتكەنلىكى ۋە دېھقانلارنى مەلۇم ئۆي سودىگىرى تەرىپىدىن سېلىنغان ئولتۇراق ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى سەۋەبىدىن، ناھىيە تەۋەسىدە ئۆيى چېقىۋېتىلگەن ۋە كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان ئۈچ كەنتتىكى نەچچە مىڭ دېھقان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلىنىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتلىرىدىن مولى گۈلى تور بېكىتىنىڭ 19-نويابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەيخې ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى باستۇرۇشقا زور تۈركۈمدىكى ساقچىلارنى ئەۋەتكىنى ئۈچۈن، نامايىشنىڭ داۋامى دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، بىر قىسىم دېھقانلار تۇتقۇن قىلىنغان.