سېدا لارۇڭ بۇددا ئىنستىتۇتىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلار قايتىپ كەلمەسلىككە ۋەدە بېرىشكە مەجبۇرلانغان

سىچۈەن ئۆلكىسىگە جايلاشقان سېدا لارۇڭ بۇددا ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلار سانىنى قىسقارتىپ، كۆلىمىنى كىچىكلىتىش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە بۇ ئىنستىتۇتتىن قايتۇرۇلۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كېتىشتىن بۇرۇن قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىغا ئائىت ۋەدىنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ ئوقۇغۇچىلار ۋەدىنامىگە قول قويغاندا يەنە، ئەگەر ۋەدىگە خىلاپ قىلىپ قايتىپ كەلسە ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھەققىدىمۇ ئاگاھلاندۇرۇلغان.

1980 ‏-يىللاردا قۇرۇلغان سېدا لارۇڭ بۇددا ئىنستىتۇتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىبەت بۇددىزمىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش مەركىزى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 4-ئايدا ھۆججەت چىقىرىپ 2017-يىلغا قەدەر مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانىنى 5000 نەپەر ئىچىدە كونترول قىلىدىغانلىقىنى ۋە مەكتەپتىكى بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىسقارتىلىپ، مەكتەپتىكى بەزى قۇرۇلۇشلارنىڭ چېقىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز يۇرتىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇش خىزمىتى باشلىنىپ، ھازىرغىچە قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچى سانى مىڭ نەپەردىن ئاشىدىكەن.