ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.08.09

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسى باشلىقى ئېلىزابىت تورېودۇ دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، خىتاينى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش» جىنايىتى ئارتىلىپ قاماققا ھۆكۈم قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جۇ شىفېڭ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ شىگېن، سۈي يەنمىڭ، گو گۇڭگو قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېلىزابىت تورىدونىڭ «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ بولغانلارمۇ بار» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.

بۇ تۆتەيلەنگە ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ تيەنجىن شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا سوتىدا يەتتە يېرىم يىللىقتىن 3 يىلغا قەدەر مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر ياز پەسلىدە ئېلىپ بارغان 9-ئىيۇل ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغانلار بولۇپ، ئەينى چاغدا 300 گە يېقىن كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تۇتقۇن قىلىنىش، سوراق قىلىنىش قىسمىتىگە يولۇققان. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، 20 دىن ئارتۇق ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ «دۆلەتنى ئاغدۇرۇش»، «قۇتراتقۇلۇق قىلىش» قاتارلىق سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن رەسمىي تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.