پىرېزىدېنت بايدېن خىتايغا يەنە ئىلغار تىپلىق سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش تەدبىرى قويدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.01.13

ئامېرىكىنىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى ۋەزىپىدىن ئايرىلىشقا بىر ھەپتە قالغان پەيتتە، خىتايغا ئوخشاش رەقىبلىرىگە قارىتا يەنە سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق ھالقىسى بولغان ئىلغار تىپلىق كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش تەدبىرى ئېلان قىلغان.

بۇ چەكلەش تەدبىرى، يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ كېلەر ھەپتە قەسەم بېرىپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدا، ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا. ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى-CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 12-يانۋار كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو (Gina Raimondo) مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، يېڭى بەلگىلىمە «ئەڭ ئىلغار سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ چەت ئەللىك رەقىبلىرىمىزنىڭ قولىدىن يىراق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، لېكىن بۇ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ شېرىك دۆلەتلىرىمىزگە كەڭ تارقىلىش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ» دېگەن.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي تېخنىكا ۋە سانائەتتە يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۆپ يىللىق تىرىشچانلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسى، دەپ قارالماقتا.

CNN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ 13-يانۋار ئېلان قىلغان يەرشارى ئېكسپورت رامكىسى، سۈنئىي ئەقىل ئۆزۈكى ۋە تېخنولوگىيەسى ئېكسپورت قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنى 3 تۈرگە بۆلگەن. شۇ بويىچە ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، تەيۋەن قاتارلىق شېرىك ياكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمىغان. ئامېرىكا بۇرۇن خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۇقىرى تېخنىكا ئېكسپورت چەكلىمىسى قويغانىدى. ئەمما بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئېكسپورت چەكلىمىسى يەنىلا بۇ دۆلەتلەرگە ئىلغار تىپلىق سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنى سېتىشنى چەكلىگەن. ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتى يېڭى ئېلان قىلغان بەلگىلىمىسىدە، 3-تۈردىكى دۆلەتلەرگىمۇ بەزى بەزى شەرتلەرنى قويغان.

CNN بىلدۈرۈشىچە، بۇ شەرتلەر خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئىلغار تىپلىق كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىگە 3-دۆلەتلەر ئارقىلىق ئېرىشىشىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، بۇ قارارنى چىقىرىشتا كېلەر ھەپتە ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ياكى مەسلىھەتلەشمىگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، «بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىشىۋاتقانلىقى» نى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.