ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «خىتاينى كۆزىتىش جەمگاھى» قۇرۇشنى پىلانلىغان
2021.09.22
«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا بېرىلگەن مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەردە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى ۋە ھەرىكىتىنى مەخسۇس كۆزىتىشنى كۈچەيتمەكچى بولغان. شۇنداق بولغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن 20 دىن 30 غا يېقىن كىشىنى كۆپەيتىدىكەن. بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «خىتاينى كۆزىتىش جەمگاھى» (China House) دەپ ئاتالغان. بۇنداق ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خىزمەتچى خادىملار ئەڭ دەسلەپتە سابىق پرېزىدېنت ترامپ دەۋرىدىلا تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاشىنگتوندا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىدا خىتاينىڭ ئالاھىدە دۆلەتلەردىكى پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىدىغان خادىملارنى كۆپەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە خىتاينىڭ يېڭى تېخنىكا سېتىۋېلىش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە خادىم كۆپەيتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.
Bloomberg ئاگېنتلىقى بۇ يىل 8-ئايدا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭمۇ مەخسۇس خىتايغا تاقابىل تۇرىدىغان ئالاھىدە تارمىقى قۇرۇش پىلانى بارلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. ئانالىزچىلار بۇنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى گىئو-سىياسىي رىقابەت دەۋرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن قۇرۇلىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىشقانىدى.
ترامپ دەۋرىدىكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىز خىتاينى چەكلەيدىغان جازا لايىھىسى تۈزمەكچى بولسىڭىز، بۇنى قىلالايدىغان ئىقتىدارىڭىز بولۇشى كېرەك. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ئىشلار ئۈچۈن قۇرۇلمىغان. بۇ قېتىم خىتايغا باشقىچە پوزىتسىيە شەكىللەندى. تارىختىن قارايدىغان بولساق، بىز تۈنۈگۈنگىچە تېخى خىتاينى بىزگە دوست بولىدۇ دەپ قاراپ كەلگەنىدۇق».
قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يېڭى پىلانى ئامېرىكانىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىدىكى فېدېراتسىيەلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىتاي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمەلدارلار ۋە خىزمەتچىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك سەپ شەكىللەندۈرەلەيدىكەن.