ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق يەھۇدىيلار تەشكىلاتلىرىدىن «ئېلېي ۋېيسېل فوندى»، نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى كەتىي خوكۇل (Kathy Hochul) نىڭ سابىق خىتاي ياردەمچىسى لىندا سۇننىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» سۆزىنى كەتىي خوكۇلنىڭ باياناتىدىن چىقىرىۋېتىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
ئامېرىكادىكى «ئوكسىيۇس» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ئېلېي ۋېيسېل فوندى» لىندا سۇننىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دېگەن سۆزىنى كەتىي خوكۇلنىڭ باياناتىدىن چىقىرىۋېتىش قىلمىشىنى «قورقۇنچلۇق» دەپ كۆرسەتكەن. «ئېلېي ۋېيسېل فوندى» ئامېرىكالىق يەھۇدىي يازغۇچىسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ۋە يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتى ئېلىي ۋېيسېل تەرىپىدىن قۇرۇلغان. 1928-يىلى رۇمىنىيەدىكى بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ 2016-يىلى ۋاپات بولغان ئېلېي ۋېيسېل، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلارنىڭ ئاۋسىۋېتس ۋە بوخېنۋالد جازا لاگېرلىرىدا ياتقان.
«ئوكسىيۇس» تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئېلېي ۋېيسېلنىڭ ئوغلى، «ئېلېي ۋېيسېل فوندى» نىڭ مەسئۇلى ئېلىشا ۋېيسېل، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دېگەن سۆزنى نيۇ-يورك ئىشتاتى باشلىقىنىڭ باياناتىدىن چىقىرىۋېتىشتەك ھەرقانداق قىلمىشنىڭ غەيرىي ئىنسانى، شۇنداقلا تارىختىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوققا چىقىرىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ قايتا ئەكس ئېتىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئامېرىكالىق خىتايلاردىن لىندا سۇن خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى رەت قىلغان، شۇنداقلا بىر يېرىم مىليون دوللارغا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.
ھالبۇكى، خەۋەردە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ لىندا سۇننىڭ ھۆكۈمەت باياناتلىرىدىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا دائىر سۆزلەرنى چىقىرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. «ئوكسىيۇس» نىڭ ئېيتىشىچە، ئېلىشا ۋېيسېل خىتايغا باغلىنىشلىق ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سۆزىنى شەكىللەندۈرۈش ھوقۇقى بولغان بىرسىنىڭ ئىشتات باشلىقى ئىشخانىسىغا سوقۇنۇپ كىرىشى كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ۋەقە دېگەن.
