يېقىندا قازاقىستاندىكى «مىر» نەشىرىياتى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك نامايەنىدىلىرىدىن بىرى، مەشھۇر تارىخى رومان يازغۇچىسى ۋە 20 - ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى شاھىدلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يۇقىرى باھالانغان مەرھۇم زىيا سەمىدىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىگە بېغىشلانغان «مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ تىرىك گۇۋاھچىسى» ماۋزۇلۇق بىر كىتابنى نەشىر قىلدى.
بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى زىيا سەمىدىنىڭ قىزى بېلىقىز سەمىدى بولۇپ، ئۇ ئۆز ئاتىسىغا ئائىت كۆپلىگەن خاتىرىلەرنى ۋە سۈرەتلەرنى توپلىغان ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر كىتابقا زىيا سەمىدىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىكى ھازىرغىچە ھېچقانداق مەتبۇئاتلاردا تېخىچە ئېلان قىلىنمىغان بىر قىسىم خاتىرىلىرى ۋە يازغۇچىنىڭ زامانداشلىرىنىڭ زىيا سەمىدى ھەققىدە ھەر خىل يىللىرى يازغان ماقالىلىرى ۋە ئەدىب بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىلىرى، شېئىرلار ھەم ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى كىرگۈزۈلگەن.
زىيا سەمىدىنىڭ «يىللار سىرى»، «مايىمخان»، «ئەخمەت ئەپەندى» قاتارلىق تارىخى رومانلىرىدىن باشقا يەنە «ئىستەك ۋە قىسمەت» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىمۇ ئېلان قىلىنغان ئىدى.
زىيا سەمەدى 1914 - يىلى تۇغۇلۇپ 2000 - يىلى، ئالماتادا ۋاپات بولغان. ئۇ 1944 - 1949 - يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاناشقۇچىسى ۋە مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى بولغان، ئۇ، 1950 - يىللاردا - ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەدەنىيەت نازىرى، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى رەئىسى بولغان ۋە 1958 - يىلى «يەرلىك مىللەتچى» لىك بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان ئىدى.