«تارىخ ۋە بۈگۈن» - 18-دېكابىر

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان تارىخىي شاھىدلارنىڭ بايانلىرى ۋە چەتئەللەردىكى، جۈملىدىن تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەتقىقاتىغا ئائىت مەلۇماتلار دىققىتىڭلارغا تەقدىم قىلىنىدۇ.

0:00 / 0:00

ئاخىرىدا يەنە سىلەر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى مەرھۇم زىيا سەمەدىنىڭ1930-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت تارىخىغا بېغىشلىغان تارىخىي ئەسلىمە خاراكتېرلىق رومانى « يىللار سىرى» دا بايان قىلىنغان تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ داۋامى بىلەن تونۇشىسىلەر.

مىللىي ئارمىيە كاپىتانى زىلالىدىن سابىروفنىڭ بايانلىرى

(ئۈمىدۋار)

ھازىر بىشكەكتە ياشاۋاتقان 87 ياشلىق سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى زىلالىدىن سابىروف ئۆتكەن پروگراممىمىزدا ئۆزىنىڭ مىللىي ئىنقىلابقا قاتنىشىش ۋە مىللىي ئارمىيە سېپىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇ بايانلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ 1946-يىلى تىنچلىق بىتىم ئىمزالانغاندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىدا ئىشلىگەنلىكىنى ھەم كېيىنكى پائالىيەتلىرى ۋە تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالدى.

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ ئەھۋالى

(ئەركىن تارىم)

تۈركىيە ئۇيغۇر تارىخىي تەتقىقاتى بىر قەدەر تەرەققى قىلغان ھەم مول نەتىجىلەر قولغا كەلگەن مەملىكەتتۇر.

بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا تۈركىيە تارىخچىلىرى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى ھەققىدە كۆپرەك ئىزدەنگەن بولسا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخى ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىشكە كىرىشكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 30-40-يىللاردىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى گەۋدىلىكتۇر.

زىيا سەمەدىنىڭ «يىللار سىرى» (4)

(ئۈمىدۋار)

مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ «يىللار سىرى» ماۋزۇلۇق رومانىنىڭ بۇ قىسمىدا خوجا نىياز ھاجىم ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، گېنېرال ماھمۇت مۇھىتىنىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ۋە باشقا بىر قاتار تارىخىي ۋەقەلەر ھەمدە ئىلىدا ئېلىپ بېرىلغان مائارىپ ھەرىكىتى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.