«51 چىلەر» نىڭ ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش تەلىپىنىڭ بەربات بولۇشى (1)

0:00 / 0:00

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلدۇق دەپ جاكارلىغانلىقىغا 70 يىل توشقان كۈندۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ 70 يىللىق تويىنى ئەڭ داغدۇغىلىق ۋە ئەڭ زور ھەربىي پارات بىلەن قارشى ئېلىپلا قالماستىن بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلغان بۇ 70 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى بەختىيار ھاياتقا ئېرىشتۈرگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، دىنى، مىللىي، مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى يۇقىرى دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. ئەپسۇسكى، خىتاينىڭ مەزكۇر 70 يىللىق دۆلەت تويى ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا سولىنىپ، مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكلىرىدىن تاندۇرۇشتەك مېڭە يۇيۇشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشى چەكلىنىپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، پروفېسسور، دوكتورلىرى، سەنئەتكارلىرى، دىنى ئەربابلىرى، ئەدىبلىرى ۋە سودا-سانائەتچىلىرى لاگېرلارغا ھەم تۈرمىلەرگە تاشلىنىشقا ئۇچرىغان پەيتكە توغرا كەلدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ 1949-يىلى شىنجاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە، جۈملىدىن مىللىي سىياسىتىدە 70 يىل ئىچىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى مەدھىيەلىمەكتە. لېكىن، خىتاي كومپارتىيەسى ھەقىقەتەن، شىنجاڭنى، يەنى ئۇيغۇرلار دىيارىنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلغانمۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسى كۆز قاراشلار بۇرۇنمۇ بولغان ۋە ھازىرمۇ مەۋجۇت بولماقتا. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى دىيارىنى ئازاد قىلغان ئەمەس، بەلكى ئىشغال قىلغان دەپ قارايدۇ.

ھەقىقەتەن، 1944-يىلى باشلانغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەرىكەتنىڭ، شۇنىڭدەك 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي-ھەربىي رەھبەرلىرى ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىقلار 1949-يىلى، 8-ئايدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، 1949-يىلى، 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ۋە ئايروپىلان ئەۋەتىپ ياردەم بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىدى. تارىخىي مەنبەلەر بويىچە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 120 مىڭ ئەتراپىدا قوشۇنى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىدى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن مىللىي ئارمىيەنى 5-كورپۇسقا ئۆزگەرتتى. قىرغىزىستاندا ياشايدىغان سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى، 1948-1949-يىللىرى ساۋەن پولكى تەركىبىدە ماناس دەرياسى بويىدا تۇرغان 91 ياشلىق ئابدۇرېشىت سەلىموف ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلار دىيارىنى بېسىپ ئالغاندىن كېيىن 1954-يىلىغا كەلگەندە 5-كورپۇسنى، يەنى مىللىي ئارمىيەنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى.

ئەينى ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان ئوفىتسېرلار، كادىرلار ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا خىتاي كومپارتىيەسى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ، ماۋ زېدوڭ چوقۇم سىتالىننىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېچبولمىغاندا خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكىدەك بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىشى مۇمكىن دەپ قارىغانىدى. تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، چۈنكى، ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1947-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، خىتايدا فېدېراتسىيەلىك ھاكىمىيەت قۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەردار ئىدى.

ھەقىقەتەن، 1950-يىلى، خىتاي كومپارتىيەسى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، 1951-يىلى، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە غەربىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمە مىللىي ئىشلار كومىتېتى مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىغا «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش نىزامى( دەسلەپكى لايىھە)» نى ئەۋەتىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى يوللاشنى تەلەپ قىلدى. سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كادىرلىرىدىن سەيدۇللا سەيپۇللايېفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قەيۇمبەگ غوجا، ئوسمان زىيام قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق ئادەم 1951-يىلى 3-ئايدا غۇلجىدا يىغىلىپ يىغىن ئېچىپ، مەخسۇس ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا ئائىت 12 ماددىلىق پىكىر لايىھەسىنى تەييارلىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان تارىخىي شەخس ئەنۋەرخان بابانىڭ ئەسلىمىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىغىن «51 چىلەر يىغىنى» ۋە، يىغىن خاتىرىسى «51 چىلەر مەجلىسى خاتىرىسى» دەپ ئاتالغان.

سەيپىدىن ئەزىز ئۆزىنىڭ «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ ئېلان قىلىنمىغان 3-تومىدا قەيت قىلىشىچە، ئۇ مەزكۇر يىغىن خاتىرىسى، يەنى ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا ئائىت 12 ماددىلىق تەكلىپ-پىكىرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بۇنى ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى سېكرېتارى ۋاڭ جېنغا مەلۇم قىلغان. ۋاڭ جېن غۇلجىدىكى مەزكۇر سابىق مىللىي ئارمىيە كوماندىرلىرى، رەھبىرىي كادىر ۋە زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇرىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىشىدىن ناھايىتى غەزەپلەنگەن.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە مىللىي سىياسىي تارىخى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىنغا ئەينى ۋاقىتتا ئىلىدا تۇرىدىغان سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە خىزمەت ئۆتىگەن كۆپ ساندىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ كۆپى قاتنىشىپ، خىتايغا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ھوقۇق تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزكۇر تەكلىپ-پىكىرگە ئىمزا قويغان.

«51 چىلەر» نىڭ ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا ئائىت 12 ماددىلىق تەلىپىنى ئۆزى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەردار ئەنۋەرخان بابانىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر 12 ماددىلىق پىكىرلەر ئىچىدىكى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان:

«كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئاپتونوم رېسپۇبلىكىسى بولىدۇ.

ئاپتونوم ھۆكۈمىتى مەركەز جاكارلىغان قانۇنلارغا ئاساسەن ئۆز قانۇنلىرىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ئۇ قانۇننى پۈتۈن ئاپتونوم رېسپۇبلىكا دائىرىسىدە ئىجرا قىلىشى كېرەك

ئاپتونوم رېسپۇبلىكا زېمىنى ئىچىدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن يەرلىك خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇشى كېرەك، ئاپتونوم رېسپۇبلىكا دائىرىسى ئىچىدە يەرلىك خەلقتىن ئامانلىق ساقلاش قوشۇنلىرى تەشكىللەش كېرەك.

مىللىي ئاپتونوم رايوننىڭ نامىدا شىنجاڭدىكى ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانىنى تەشكىل قىلىدىغان، شۇنىڭدەك شىنجاڭدا ئەسلىدىن بار بولغان يەرلىك خەلق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نامىنى ئاساس قىلىش، يەنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرىستان رېسپۇبلىكىسى دەپ ئاتاش كېرەك. ئۇيغۇر مىللىتىدىكىلەردىن باشقا قالغان مىللەتلەرمۇ مۇشۇ نامغا قوشۇلدى.» ۋە باشقىلار

مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا قاتناشقان موڭغۇل زىيالىيسى گېرشا ئۆزىنىڭ «تارىخنىڭ ساداسى» ناملىق ئەسلىمىسىدىمۇ غۇلجىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا ئائىت پىكىرلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇ تەلەپلەرنىڭ ئاساسلىقى مەزمۇنىنى كۆرسىتىدۇ. گېرشانىڭ يېزىشىچە، بۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر. 1. شىنجاڭدا ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش. 2. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ئاستىغا ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ گېربىنى قويۇش. 3. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تاغ-داۋانلارنى ئېشىپ، شىنجاڭنى ئازاد قىلىپ جاپا چەكتى، ئەمدى ئىچكىرىگە قايتىپ دەپ ئالسۇن، شىنجاڭنىڭ ئامانلىقىغا مىللىي ئارمىيە مەسئۇل ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەسئۇل بولسۇن. 4. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلىنىڭ قارمىقىدا ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى تۇرسۇن ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت.

مۇنداق ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا ئائىت پىكىرلەر پەقەت غۇلجىدىلا ئەمەس، بەلكى قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردىكى زىيالىيلار ۋە كادىرلار تەرىپىدىنمۇ مۇزاكىرە قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلغان.