ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف: سوۋېت رازۋېتچىكى ھاكىم جاپپار ماڭا ئېيتىپ بەرگەن سىرلار (2)

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى، 82 ياشلىق ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ، 1975-يىلى يازدا ئەينى ۋاقىتتىكى قىرغىزىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى فرۇنزې، يەنى ھازىرقى بىشكەك شەھىرىدە ياشايدىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ئىشلىرىغا مەخسۇس ئەۋەتكەن رازۋېدكا خادىمى دوختۇر ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوف بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ تېمىسى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىيەتلىككە ئائىت بولغان.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ئەسلىشىچە، ھاكىم جاپپار ئۆزىنىڭ ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنى چاقىرتىپ كېلىشتىكى سەۋەبنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ تراگېدىيەلىك قىسمەتلىرىگە ئائىت سىرلارنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتقاندىن كېيىن سۆزىنى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 23-24-كۈنلىرى غۇلجادىن ئايرىلىپ، ئالمۇتاغا يېتىپ كەلگەن كۈنلەردە موسكۋادىن كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي ۋەكىلىنىڭ ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن كەسكىن مۇنازىرىلىك سۆھبىتىدىن باشلىغان. چۈنكى ئۇ شۇلار بىلەن موسكۋا ۋەكىلى ئارىسىدىكى سۆھبەتكە تەرجىمانلىققا سېلىنغان، بۇ 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى ۋەقە ئىدى.

ھاكىم جاپپار بۇ تەرجىمانلىقتا ئەخمەتجان قاسىمى، گېنېرال ئىسھاقبېك مۇنونوف ۋە باشقىلارنىڭ ھەر بىر سۆزىنى رۇسچىغا سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ھەم موسكۋا ۋەكىلىنىڭ سۆزلىرىنىمۇ بىرمۇ-بىر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆزلىرىنىڭ تولۇق ئېسىدە ساقلانغانلىقىنى ئېيتىپ، بىرمۇ-بىر بايان قىلغان.

ھاكىم جاپپارنىڭ ئېيتىشىچە، موسكۋا ۋەكىلى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بېيجىڭدىكى خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشى ۋە بۇ يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق سىياسىي شەرت ۋە تەلەپلىرىنى قويماي، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بارلىق سىياسىي پروگراممىلىرىغا شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بىراق، ئەخمەتجان قاسىمى بۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى، يەنى «مۇستەقىللىق پىكرىنى ئېيتىپ»، موسكۋا ۋەكىلىنىڭ تەكلىپلىرىنى رەت قىلغان.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا غۇلجىدا پائالىيەت قىلغان رازۋېتچىكى، دوختۇر ھاكىم جاپپار شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف قاتارلىقلارغا سۆزلەپ بەرگەن بۇ تەپسىلاتنى ئوخشاشلا 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى، مىللىي ئارمىيە كاپىتانى، 1960-1990-يىللىرى ئۆزبېكىستاندا ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى ئاسىم باقىغىمۇ سۆزلەپ بەرگەن بولۇپ، ئاسىم باقى ھاكىم جاپپارنىڭ سۆزلەپ بەرگەن بۇ سىرلىرىنى ئۆزىنىڭ «خۇنزىرلىق» ناملىق كىتابىدىمۇ تەپسىلىي بايان قىلغا ئىدى. يەنى، ھاكىم جاپپارنىڭ ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفقا سۆزلەپ بەرگەن مەزكۇر سۆھبەت جەريانى بىلەن ئاسىم باقىغا سۆزلەپ بەرگەن سۆھبەت جەريانى ئاساسەن ئوخشاشلىققا ئىگىدۇر.

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشايدىغان، قىرغىزىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە پەلسەپىسى تەتقىقاتچىسى، 1949-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاشۇ 8 كىشىنىڭ بىرى ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ ئوغلى ئەكبەرجان باۋۇدونوف مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ، ھاكىم جاپپار سۆزلەپ بەرگەن ئاشۇ ئالمۇتادىكى سۆھبەتكە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرىدە چىڭ تۇرغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللاردا غۇلجادا تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى تەشكىللەش، ئالاقىلىشىش ۋە باشقا خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ئارىلاشقان ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوفنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن موسكۋا ۋەكىلىنىڭ 1949-يىلى، 24-ئاۋغۇست كۈنى ئالمۇتادا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى دەلىللەيدىغان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياكى خىتاي تەرەپ ھېچقانداق بىرەر ھۆججەتنى ئېلان قىلمىغان بولۇپ، بۇنداق بىر مەخپىي سۆھبەتنىڭ بولغانلىقى پەقەت ھاكىم جاپپارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەنبەلىرىدىلا كۆرۈلىدۇ.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ئاغزىدىن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ داۋامىنى كېلەركىن قېتىمدا ئاڭلايسىلەر.

بۇ ئۇلىنىشتىن پروگراممىنىڭ تولۇق تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.