ئابدۇللا روزىباقى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى قەشقەرىيەدىكى ئىنقىلابقا قوزغاشقا تىرىشقان
تارىخىي ئىزدىنىشلەر شۇنى كۆرسەتتىكى 20-ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى خىتاي مىلىتارىستلار ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ، ئۆز مىللىي مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ھەرىكىتى 1917-يىلى رۇسىيەدە يۈز بەرگەن ئۆكتەبىر سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قايتىدىن باشلانغان ۋە كۈنسايىن كۈچەيگەن، 1920-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەخپىي يەر ئاستى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. بولۇپمۇ، چار رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتىسۇ، تاشكەنت، ئەنجان ۋە ئىسسىق كۆل ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ھەرىكەتلەرنى باشلاپ، تۈرلۈك تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشقانىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى، زىيالىيلىرى ئارىسىدىمۇ ئۆز ۋەتىنىنى ئازاد قىلىش قىزغىنلىقى كۈنسايىن كۈچەيگەنىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى لېنىن ۋە ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيەسى ھاكىمىيىتىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىنقىلابىغا ياردەم بېرىشىنى ۋە قوللىشىنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلدى. ئەنە شۇنداق تەلەپ قويۇشنى ئاساس قىلغان دوكلاتلارنىڭ بىرى 1922-يىلى، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللا روزىباقىيېف تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، ئەينى ۋاقىتتا لېنىن كېسەللىك بىلەن يېتىپ قالغاندا ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقان رۇسىيە كوممۇنىستلىرى پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ستالىننىڭ نامىغا ئەۋەتىلگەن.
رۇسىيە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي-سىياسى تارىخ ئارخىپخانىسىدىكى 62-فوند، 2-ئالاھىدە پاپكا، 64-دېلودا 27-39-ياپراق نومۇرى بويىچە ساقلانغان مەزكۇر مەخپىي دوكلات، 90 نەچچە يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بولۇپ، مەزكۇر «روزىباقىيېفنىڭ ستالىنغا يوللىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشلەش توغرىسىدىكى دوكلاتى» ناملىق دوكلاتتا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرىيە، يەنى شەرقىي تۈركىستاندا ئىنقىلابى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش پەيتى كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ زۆرۈرلۈكى كۆرسىتىلىپ، رۇسىيە كومپارتىيەسىنىڭ ھامان بىر كۈنى بۇ مەسىلە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى شەرھىلەنگەن.
1918-1920-يىللىرىدىكى سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە ئىزدەنگەن قازاقىستاندىكى تۇرا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، 1918-1920-يىللىرى سوۋېت ھاكىمىيىتى ئىچكى ئۇرۇشتا ئۆزىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شەرق خەلقلىرىنىڭ ئازادلىقى ۋە ھەتتا مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان مۇراجىئەتنامىلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرغان، ھەتتا خىتاي ھەققىدىمۇ ئەنە شۇنداق مۇراجىئەتنامىلەرنى ئېلان قىلغان. بۇ مۇراجىئەتنامىلەردىن ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرق خەلقلىرى سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ دەپ قاراپ، ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەنىدى. بىراق، سوۋېتلەرنىڭ ئىدىيەسى بىلەن ئەمەلىيىتى دائىم بىردەك بولمىدى.
ئابدۇللا روزىباقىيېف ستالىنغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلابىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىپ ئەۋەتكەن دوكلاتىنىڭ باش قىسمىنى: «خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى شىنجاڭدىكى، يەنى قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيەدىكى ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ( تارانچىلار، تۇڭگانلار ۋە قەشقەرلىكلەر) بارلىق قىيىن ھاياتىنى بىلىشىم بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەزكۇر خىتاي مۇستەملىكىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان ئىنقىلابى ھەرىكەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر دوكلاتنى يېزىشنى ئۆزۈمنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ بىلدىم» دەپ باشلاپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى يېزىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، بىر تەرەپتىن رۇسىيەدىكى يۈز بەرگەن ئىنقىلابلارنىڭ بۇ جايغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش بىلەن خەلقنىڭ خىتاي مۇستەبىتلىرىگە بولغان قارشىلىقلىرىنىڭمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن تارتىپ، باج-سېلىقلارنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقى، خەلق ئىچىدە ئومۇمىي قارشىلىقنىڭ كۈچىيىش جەريانىنىڭ خىتايدا، جۈملىدىن قەشقەرىيەدە ئىنقىلاب قوزغاشقا ئەۋزەل شارائىت ھازىرلاۋاتقانلىقىنى شەرھلىگەن.
قىزىق نۇقتا شۇكى، مەزكۇر دوكلاتقا 1934-يىلى ستالىن تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا، شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلىپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە «قان ئىچەر ئۈچ ھاجىنىڭ بىرى» دەپ نام ئالغان قادىر ھاجى ھاشىمھاجىمۇ ئىمزا قويغان. شۇنىڭدەك يەنە «ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تۇڭگانلاردىن پولك كوماندىرى ماگازى ماس ئانچىمۇ قول قويغان. بۇ ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇڭگانلارمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە ئىدى. مەزكۇر ئۈچ شەخس ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبەرلىرىدىن ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بولشېۋىكلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا ئىنقىلاب قوزغاپ، خىتاي مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مىللىي ھاكىمىيەت قۇرۇش تەرەپدارلىرى ئىدى. دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى يەرلىك مىللەت كوممۇنىستلىرى ھەم كوممۇنىست ھەم ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان مىللەتپەرۋەرلەر بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى.
ئابدۇللا روزىباقىيېف دوكلاتىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ئىنقىلابى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ رۇسىيە بولشېۋىكلەر پارتىيەسى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىپ: «چۈنكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەيلى سىياسىي، مەيلى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن بولسۇن ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى ھىندىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ دەرۋازىسى بولغان قەشقەرىيە ياكى شەرقىي تۈركىستاندۇر. سىياسىي مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇ شۇ قەدەر مۇھىمكى، چۈنكى ئۇ، قوش زۇلۇم ئاستىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر، يەنى ئۇيغۇر خەلقلىرى 95-96 % نى تەشكىل قىلغان، بىزگە ئەڭ يېقىن قوشنا ئەلدۇر» دەپ تەكىتلەيدۇ.
ئابدۇللا روزىباقىيېف بۇ قوش زۇلۇملارنى: «بىر تەرەپتىن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى، مۇستەبىتلىكى ۋە ئۆزىدىكى بۇرجۇئازىيىنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئومۇمى يانچىلىق ئېكسپىلاتاتسىيەسى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرى» دەپ شەرھىلەش بىلەن بىرگە ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردە قوشۇن تۇرغۇزۇۋاتقانلىقى ۋە باشقا تەسىرلىرىنىڭ سوۋېتلەرگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەرەپلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق سوۋېت رەھبەرلىرىنى قەشقەرىيەدە ئىنقىلابى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى بولىدۇ.
0:00 / 0:00