قەشقەرىيەنىڭ ئاھالە، مىللەت، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى ۋە ئۇيغۇر ئىنقىلابىنىڭ قىسمىتى
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ دەسلەپكى رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ 1922-يىلى، 11-نويابىر كۈنى رۇسىيە بولشېۋىكلەر پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سېكرېتارى ستالىنغا يوللىغان دوكلاتىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئەھمىيەت بېرىشى، يەنى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى قوللاشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە سەۋەب-ئامىللىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ 1919-1921-يىللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرى، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشى ۋە 1921-يىلى، 6-ئايدا «ئالتىشەھەر-جۇڭغارىيە مېھنەتكەشلىرىنىڭ ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» دېگەن نامدىكى تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ تېز ئارىدا 55 ياچېيكىغا ئىگە بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر «ئىنقىلابىي ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» نىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. مەزكۇر مەخپىي دوكلات رۇسىيە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي-سىياسىي تارىخ ئارخىپىدا ساقلانغان بولۇپ، يېقىندا مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنىپ ئېلان قىلىنغانىدى.
شۇنى ئەسكەرتىش مۇمكىنكى، ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ مەزكۇر دوكلاتىنىڭ سوۋېت رەھبەرلىرىگە ئەۋەتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنقىلابنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىنتىلىشىنىڭ مۇئەييەن ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى «ئالتىشەھەر ۋە جۇڭغارىيە مېھنەتكەشلىرى تەشكىلاتى» 1921-يىلى، 3-9-ئىيۇن كۈنلىرى تاشكەنتتە قۇرۇلتاي چاقىرىپ، بىر قاتار قارارلارنى قوبۇل قىلغان ھەمدە تەشكىلات نامىنى «ئالتىشەھەر-جۇڭغارىيە مېھنەتكەشلىرىنىڭ ئىنقىلابىي ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» دەپ ئاتىغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۈپ نىشان سوۋېت رۇسىيەسى ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ ياردىمى بىلەن قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيەدە ئىنقىلاب قوزغاپ، خىتاي مىلىتارىستلار ھاكىمىيىتىنى يوقىتىش ئىدى. بۇ ۋاقىتتا رۇسىيە كومپارتىيەسى تۈركىستان كومىسسىيەسىنىڭ باشلىقى يان رۇدزۇتاكمۇ قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش لايىھەسىنى تۈزگەن، ئەمما 1921-يىلى، 4-ئىيۇندىكى رۇسىيە بولشېۋىكلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى لېنىننىڭ باشچىلىقىدا يىغىن ئېچىپ رۇدزۇتاكنىڭ لايىھەسىنى قوبۇل قىلمىدى ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىنقىلابى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش لايىھەسىنى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى، 1921-يىلى، 12-ئايغا كەلگەندە «ئىنقىلابىي ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» نىمۇ تارقىتىۋەتتى. قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، ھەقىقەتەن، سوۋېت ھۆكۈمىتى «دۇنيا ئىنقىلابى» شوئارى بويىچە باشتا ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن ئۆز سىياسىي ئېھتىياجى بىلەن بۇ پىلاننى ئارقىغا قالدۇرغان بولۇپ، «ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» نىڭ تارقىتىلىشى شۇنىڭدىن ئىدى.
ئەمما، مەزكۇر «ئىنقىلابىي ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» نىڭ رەئىسى ئابدۇللا روزىباقىيېف بۇ تەشكىلات تارقىتىلغان بولسىمۇ، يەنىلا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئارزۇسىدىن يانمىغان بولۇپ، ئاخىرىدا مەزكۇر دوكلاتنى سۇنۇش ئارقىلىق رۇسىيە كومپارتىيەسىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىنقىلابىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەسىلىسىدە قايىل قىلىشقا تىرىشقانىدى. ئۇ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك ۋە باشقا تەرەپلەردىن سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى شەرھلىگەن. ئابدۇللا روزىباقىيېف ستالىنغا يوللىغان مەزكۇر دوكلاتىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سوۋېت رۇسىيەسى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتلەردىنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردىن ئېيتقاندا قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە شۇنچىلىك مۇھىمكى، بۇ ئەل ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە قېزىپ ئېلىنىدىغان كان بايلىقلىرى بىلەن ئەڭ باي بولۇپ، تېخى ھازىرغىچە زور تىيانشان تاغلىرىغا ۋە يېزا ئىگىلىك ئۈچۈن كېرەك بولغان مۇنبەت تۇپراقلارغا ھېچكىم تەگمىگەن» دەيدۇ. ئۇ، قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيەنىڭ نوپۇسى، مىللەتلەرنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى، ئاھالىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەركىبى ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق سانلىق مەلۇمات قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيەنىڭ مىللەت تەركىبىنى تەخمىنەن تۆۋەندىكىدەك بېكىتىش مۇمكىن: قەشقەرىيەدە:
1. قەشقەرلىكلەر ( يەرلىك ئاھالە) 88%, 2. قاراقىرغىزلار 4%, 3. تۇڭگانلار 3%, 4. قالماقلار 2%, 5. خىتايلار 2%, 6. باشقا مىللەتلەر (ئۆزبېكلەر، ئافغانلار ۋە باشقىلار) 1%.
غۇلجا ئۆلكىسىدە:
1. تارانچىلار 45%, 2. قىرغىزلار 15%, قالماقلار 13%, 4. شىبەلەر 10%, 5. تۇڭگانلار 8%, قەشقەرلىكلەر 6%, 7. خىتايلار 6%, ياۋروپالىقلار ۋە باشقىلار 1%. ئەمما، ئابدۇللا روزىباقىيېف «ئۈرۈمچى، چۆچەك ۋە قۇمۇل رايونلىرىدىكى مىللەت نوپۇسى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق» دەيدۇ.
ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرلىرىنى ئەينى ۋاقىتتىكى رۇسىيەدىكى مىللەتلەرگە ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىلگەن بولۇپ، قەشقەرلىك، تارانچى دېگەنلەر ئۇيغۇرلارنى، قارا قىرغىز قىرغىزلارنى، قىرغىز قازاقلارنى كۆرسىتەتتى. ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئەلۋەتتە، ئابدۇللا روزىباقىيېف مەزكۇر دوكلاتنى رۇسىيە بولشېۋىكلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا يوللايدىغان بولغاچقا، دوكلاتتىكى مەزمۇنلارنىڭ ساغلام، نوپۇس، مىللەت، ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە باشقا ھەر قايسى تەرەپلەرگە ئائىت مەلۇماتلارنىڭ توغرا بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى تەبىئىي ئىدى. بۇ سانلىق ئۇچۇرلار كونسۇلخانىلار، دىپلوماتىيەلىك ئورگانلار ۋە سودا ۋاكالەتخانىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەنلەردىن ئېلىنغان. چۈنكى، چار رۇسىيە دەۋرىدىلا قەشقەر، غۇلجا ۋە باشقا جايلاردىكى كونسۇلخانىلار ستاتىستىكىلىق ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى.
ئابدۇللا روزىباقىيېف، مىللەتلەرنىڭ سىنىپىي قۇرۇلمىسى ھەققىدە توختىلىپ: 1. خىتايلار-ئەمەلدارلار، سودىگەرلەر، سودا كارخانىچىلىرى، 2. تۇڭگانلار-كىچىك ئەمەلدارلار، سودىگەرلەر ۋە مەلۇم قىسمى روھانىيلار بولۇپ، بۇلار قەشقەرىيەدىكىلىرىدۇر. ئەمما جۇڭغارىيە ۋە ئىچكى خىتايدا بولسا تۇڭگانلار پۈتۈنلەي كەمبەغەل دېھقانلاردۇر، دەيدۇ.
ئۇنىڭ مەلۇماتىچە، قەشقەرلىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى روھانىيلار، چارۋىچى ۋە باشقىلاردۇر، تارانچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بولسا يەرلىرى ئاز دېھقانلاردۇر.
ئابدۇللا روزىباقىيېف قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي تەركىبىنىمۇ ئايرىپ چىقىدۇ شۇنىڭدەك خىتاي قوشۇنلىرى ھەققىدە توختىلىپ: بۇ ئۆلكىدىكى خىتاي قوشۇنى ياللانما-پىدائىيلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئىشسىزلار ۋە لۈكچەكلەر، بۇزۇقلار، جىنايەتچىلەر ۋە باشقىلاردۇر، دەيدۇ.
ئاخىرىدا ئابدۇللا روزىباقىيېف قەشقەرىيەدىكى ئىنقىلابىي ئىشلارنىڭ ئاساسلىق تايانچىسى قەشقەرلىكلەر ۋە قالماقلار، جۇڭغارىيەدە بولسا تارانچىلار، تۇڭگانلار ۋە قالماقلار دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئالغاندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنقىلابنىڭ ئاساسلىق تايانچىسى ئۇيغۇر خەلقى ئىدى.
ۋەھالەنكى، ئابدۇللا روزىباقىيېف موسكۋادىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنقىلابى ھەرىكەتلەرنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا سوۋېت رۇسىيەسى ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى، يەنى شىمالى مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى ئارىسىدا شەرتنامە ئىمزالاپ، دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش سۆھبەتلىرى باشلانغان. ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا قارىغاندا خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، غەرب دۆلەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مۇھىمراق ئورۇندا بولغاچقا ئۇ كۈچىنى شۇنىڭغا بەكرەك ئاجراتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى سوۋېت رۇسىيەسىگە دۈشمەن پوزىتسىيەدە بولغاچقا سوۋېتلار رۇسىيەسى ئۇنىڭ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۆزىنىڭ مانجۇرىيە ۋە تاشقى موڭغۇلىيەدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغدىماقچى بولغانىدى.
ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ مەلۇماتىچە، ئەنە شۇ 1922-يىلى، تۈركىستاندا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىكى، يەنى پەرغانە ۋادىسى، يەتتىسۇ ۋە باشقا جايلاردىكى قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيەدىن كۆچۈپ چىقىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ سانى 800 مىڭ ئادەم ئىدى. ئۇلارنىڭ 1921-يىلى 6-ئايغىچە 80 نەچچە تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، 12 مىڭ ئادەم ئەزا بولغان. 1921-يىلىدىن 6-ئايدىن كېيىن ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىدا 55 ياچېيكا قۇرۇلۇپ 6 مىڭ ئادەم ئەزا بولغان. بىراق، بۇ تەشكىلات تارقىتىۋېتىلىپ، دېھقانلارنىڭ «قوشچىلار ئىتتىپاقى» غا قوشۇۋېتىلگەن. ئەمما، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى بەرىبىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش ئارزۇسىدىن يانمىغان بولسىمۇ، ئەمما 1924-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي شەرتنامە ئىمزالىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە سوۋېت تەرەپ ئۇيغۇر ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىگە مۇتلەق يول قويماسلىقنى قارار قىلدى.
0:00 / 0:00