ئالماتادىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاتاغلىق شائىر ئابدۇمېجىت دۆلەتوفنىڭ ئىجادىيىتىگە ئالاھىدە باھا بېرىلدى

0:00 / 0:00


يېقىندا ئالماتا شەھىرىدە ئاتاغلىق شائىر ئابدۇمېجىت دۆلەتوفنىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتتى. «تىنچلىق دۇنياسى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىنى تەشكىلات پرېزىدېنتى، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئابېن نۇرمانوف كىرىش سۆز بىلەن ئاچتى. ئۇ مۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەھمىيىتىنى ئاتاپ كېلىپ، شائىر ئىجادىيىتىنىڭ ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئالاقىلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدىكى ئورنىغا مۇناسىپ باھاسىنى بەردى.

مۇراسىمدا فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ «ئا. دۆلەتوف ئىجادىيىتى ھەققىدە ھەم ئۇنىڭ شېئىرىيىتىنىڭ فىلولوگىيە پەنىگە تەسىرى»، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزادى، يازغۇچى گۈلبەھرەم خوشايېۋانىڭ «ئاكامغا "خوش" دەپ ئېيتالمايمەن»، ئالماتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ چېلەك يېزىسى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ مۇئەللىملىرىدىن گۈلمىرا ئىسقاقوۋانىڭ «ئا. دۆلەتوف شېئىرلىرىدا ۋەتەن ماۋزۇسى»، تۇرسۇنبۈۋى ئۆمەروۋانىڭ «ئا. دۆلەتوف شېئىرلىرىدا ئانا يۇرت ماۋزۇسى»، مالىۋاي ئوتتۇرا مەكتىپى مۇئەللىمى زۇلفىرا ھاشىروۋانىڭ «ئا. دۆلەتوف شېئىرلىرىنىڭ تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى» ۋە باشقا ماۋزۇلاردا دوكلاتلار ئوقۇلدى.

ئىلمىي يىغىندا سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىروف، «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى» پرېزىدېنتى تامارا قاسىموۋا، شائىرلار ئەكرەم سادىروف، قايرات دۈيسېنوف، رەھىلەم مۇزەپپەروۋا، يۈسۈپجان جوللايېف ۋە باشقىلار ئا. دۆلەتوفنىڭ كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ھەم ئەدىپكە ئاتىغان شېئىرلىرىنى ئوقۇدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مۇراسىم ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، «تىنچلىق دۇنياسى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، مەرھۇمنىڭ قەلەمداش قېرىندىشى ئابلەھەي دۆلەتوف مۇراسىم ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى مۇنداق دەپ بايان قىلدى: «بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كۆپلىگەن شائىرلار، يازغۇچىلار، ئالىملار قاتناشتى. يىغىن مابەينىدە كۆپلىگەن پىكىرلەر ئېيتىلىپ، ئۇنى يىغىن ئاخىرىدا ئەخمەتجان ھاشىروف يەكۈنلىدى. ئۆتكەن يىغىنغا، مەكتەپ مۇئەللىملىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا ئىنتايىن چوڭ باھا بېرىلدى، بەزىلىرى ھەتتا ئالىملارمۇ ئا. دۆلەتوفنىڭ ئىشىغا مۇنچىلىك چوڭقۇر ئوي سالالمىغان دېگەن پىكىرلەرنى ئېيتتى.» يىغىن پۈتكەندىن كېيىن، ئون ئادەمگە ئا. دۆلەتوف نامىدىكى مېدال، 57 ئادەمگە تەشەككۈرنامە بېرىلدى. يىغىنغا قىرغىز رادىئوسى، قازاق رادىئوسى، قازاقىستان تېلېۋىزىيىسى، مائارىپ، ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى بويىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئەل خالېل قارپىقوف قاتناشتى.

يىغىندا ئۇيغۇر شائىرىنىڭ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە قازاق دوستىلىرىمىز يۇقىرى باھا بەردى. بىز ھەر ۋاقىتتا " ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا يىپ ئۆتمەيدۇ» دەيمىز. قازاق بىلەن ئۇيغۇر دوستلۇقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىگە مۇشۇ يىغىننىڭ ئۆزى بىر دەلىل بولالىدى، دەپ ئويلايمىز. ئومۇمەن "تىنچلىق دۇنياسى" تەشكىلاتىدا 28 مىڭ ئادەم بار. بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا يەنە، چەت مەملىكەتلەردىن چېخوسلوۋاكىيە، ئىسرائىل، ئەرەب ئەمىرلىكى بىزنىڭ تەشكىلاتنىڭ ھېسابىدا. ھەر بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئالماتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مۇشائىرە ئۆتكۈزۈپ، ياش تالانتلارنىڭ روھىنى كۆتىرىپ، ئامال بولسا ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى توپلاشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. كۆپلىگەن ئالىملار ئا. دۆلەتوفنى ئەسلەپ، ئەكرەم سادىروف ئوخشاش شائىرلار بولسا ئا. دۆلەتوفقا بېغىشلانغان شېئىرلىرىنى ئوقۇدى. كەلگەن مېھمانلاردىن يىغىن يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتتى، دېگەن باھا ئالدۇق.»