پەلسەپە پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتى مۇختارجان: تۇنجى ئۇيغۇر پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېيىمجان تۇرسۇننى ئەسلەيمەن.
2014.06.29

ئۇيغۇر دىيارىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئۇيغۇر پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ئابدۇرېيىمجان تۇرسۇن ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى، ساۋاقداشلىرى، پىكىرداشلىرى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىمەكتە.
پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ئابدۇرېيىمجان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇيغۇر پەلسەپە تەتقىقات تارىخىدا ئۆز ئىزىنى قالدۇرۇپ، 2013 - يىلى، 6 - ئىيۇل كۈنى 40 يېشىدا ۋاپات بولغان ئىدى.
پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ئابدۇرېيىمجاننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ ئۇستازى، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئاتاقلىق پەلسەپەشۇناس ئالىم پروفېسسور ئەزىز نارىنبايېف، قازاقىستان تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى, ئاتاقلىق تارىخشۇناس ئابلەت كامالوف، قازاقىستان ئاباي دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تىلشۇناس ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇسلان ئارزىيېف، قازاقىستاندا تونۇلغان يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموف ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى باشقا زىيالىيلار ئۆز تەزىيەلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئابدۇرېيىمجاننىڭ دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تەتقىقاتىغا، جۈملىدىن ئۇنىڭ رۇس تىلىدا نەشىر قىلدۇرغان «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيەلىرى» ماۋزۇلۇق مونوگرافىيەسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى.
دوكتور ئابدۇرېيىم تۇرسۇننىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنىڭ ئەينى يىللاردىكى مەكتەپدېشى ۋە شۇنداقلا دوستلىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مۇختارجان ئابدۇراخمان مەرھۇم دوكتور ئابدۇرېيىمجان تۇرسۇننىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ۋە كىشىلىك پەزىلىتى توغرىسىدا توختالدى.
پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتور ئاسپىرانت مۇختارجان ئابدۇراخمان ئابدۇرېيىمجان تۇرسۇننىڭ دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر پەلسەپەسىنى كۆپ خىل مەنبەلەر ۋە نەزەرىيىۋى بىلىم ئاساسىدا سىستېمىلىق، ئىلمىي رەۋىشتە تەتقىق قىلىپ، بۇ ساھەدە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغان كەسپىي پەلسەپە مۇتەخەسسىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەرھۇم بىلەن 1990 - يىللاردا ئۈرۈمچىدە ساۋاقداش بولۇپ، دوستلىشىپ يۈرگەن چاغلىرىدىكى ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلىپ، ئابدۇرېيىمجاننىڭ تىرىشچان، گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەتلىك ۋە ئاق - كۆڭۈل بىر ئىنسان بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.