يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموف: ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئەسىرى «ئاسىيا بۈگۈنى» گېزىتى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشمەكتە


2014.01.19
abdurehim-tursun-305.png ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن
misranim.cn

قازاقىستاندا رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نەشر قىلىنىدىغان «ئاسىيا بۈگۈنى» گېزىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، مەرھۇم ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى» ناملىق كىتابىنى پارچىلار بويىچە تونۇشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.

گېزىت باش مۇھەررىرى، ئاتاقلىق يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموف ئەپەندى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ئەمگىكىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز پەلسەپە تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى بىلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، ئالىمنىڭ 29 يېشىدىلا پەلسەپە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، مۇنداق ئىلمىي ئەمگەكنى رۇس تىلىدا نەشر قىلىشىدا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە تارىخىنىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدەنگەنلىكى، بۇ ساھەدە يېزىلغان رۇس، ياۋروپا ۋە باشقا ئالىملىرىنىڭ ئەمگەكلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئاۋۇت مەسىموف ئەپەندى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابىنىڭ گېزىت سەھىپىسى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۈگۈن بىز يەنە ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ مەزكۇر ئەسىرىنىڭ خۇلاسە قىسمىنى تونۇشتۇرىمىز.

مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ تېخى مۇكەممەل ئۆگىنىلمىگەن مۇھىم ساھەلىرىنىڭ بىرى - دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، تۈركشۇناسلىق، شۇ جۈملىدىن، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشقان ئالىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇندۇر. ئۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تۇنجى پەلسەپە دوكتورى، پروفېسسور ئەزىز نارىنبايېف رەھبەرلىكىدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى، خۇسۇسەن، ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى بويىچە ئىزدىنىشكە كىرىشىپ، نەتىجىدە 2002-يىلى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مەخسۇس دىسسېرتاتسىيە ياقلاش كېڭىشىدە «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋوليۇتسىيىسى (بۇددىزم پەلسەپىسى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا)» تېمىسىدا ئىلمىي ئەمگىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقىلاپ چىقتى ھەم خەلقئارا ئۆلچەمدە پەلسەپە دوكتورى (Ph.D) ئىلمىي دەرىجىسىنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدى.

مەزكۇر ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ ئوچۇق دەلىلى سۈپىتىدە ئا. تۇرسۇن 2002-يىلى بىشكەكتە «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى» ناملىق مونوگرافىيىسىنى نەشر قىلدى.

كىتاب ئەزىز نارىنبايېفنىڭ كىرىشمە سۆزىدىن، مۇقەددىمىدىن، شۇنداقلا ئىككى باب، خۇلاسە ھەم پايدىلىنىلغان ئەدەبىياتلار تىزىمىدىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى باب «ئۇيغۇر ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنىڭ ئىجتىمائىي-مەدەنىي ئامىللىرى» دەپ ئاتىلىپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىككى، يەنى «ئۇيغۇر ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي شەرتلىرى» ۋە «ئۇيغۇر ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئىدىيىلىك مەنبەلىرى» ناملىق پاراگرافلاردىن تۇرىدۇ. ئەمدى كىتابتىكى «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى قاراشلىرىنىڭ راۋاجلىنىش ئالاھىدىلىكلىرى» دېگەن باب تۆت، يەنى «مۇتەپەككۈرلەرنىڭ ئاساسىي كۆزقاراش پرىنسىپلىرى»، «مۇتەپەككۈرلەرنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي كۆزقاراشلىرى»، «مۇتەپەككۈرلەرنىڭ ئېتىكىلىق كۆزقاراشلىرى»، «ئالەم مەنزىرىسىنىڭ ئېستېتىكىلىق قوبۇل قىلىنىشى» ناملىق پاراگرافلاردىن ئىبارەتتۇر.

ئالىم ئا. تۇرسۇن ئۆزىنىڭ بۇ تەتقىقاتىدا ئىلگىرى سۈرگەن پىكىرلىرىنى كۆپلىگەن مەنبەلەر ئاساسىدا ئىسپاتلايدۇ. كىتابتا رۇس، ئۇيغۇر، خىتاي ۋە تۈرك تىللىرىدا يورۇق كۆرگەن 200 دىن ئوشۇق ئىلمىي ئەمگەك پايدىلىنىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى رۇس تىلىدىكى ئەسەرلەر ئىگىلەيدۇ. مەزكۇر ئەمگەك ھازىرمۇ ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتمىدى.

قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، پروفېسسور ئەزىز نارىنبايېف، قازاقىستانلىق ئالىملاردىن تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوف، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى رۇسلان ئارزىيېف، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلفىيە كەرىموۋالار ئا. تۇرسۇننىڭ مەزكۇر ئەمگىكىنى يۇقىرى باھالىغان ئىدى. يېقىندا ئا. تۇرسۇننىڭ يۇقىرىدا ئاتالغان كىتابىدىن ئۈزۈندىلەر قازاقىستاندا نەشر قىلىنىۋاتقان جۇمھۇرىيەتلىك مۇستەقىل «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىنىڭ بىر نەچچە سانىدا بېسىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

ئا. تۇرسۇننىڭ كىتابىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا ئاپتورنىڭ دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى، جۈملىدىن بۇددىزم پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ھەققىدىكى بارلىق كۆز قاراشلىرى يەكۈنلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.