ئەكبەرجان باۋۇدون: «دادام ئابدۇرېشىت ئىمىن ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرگە پاجىئەگە ئۇچرىغان ئىدى» (2)

0:00 / 0:00

1949-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئىچىدە مۇخبىر ۋە تەرجىمانلىق سالاھىيەتىدىكى 27 ياشلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئەدىبى ئابدۇرېشىت ئىمىنمۇ بار ئىدى. ئابدۇرېشىت ئىمىن 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۆتكەن، تونۇلغان ياش ژۇرنالىست، تەرجىمان ۋە ئەدىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يېقىن ياردەمچىلىرىدىن بىرى ئىدى.

بىراق، ئابدۇرېشىت ئىمىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ھازىرغىچە «سىرلىق ئايروپىلان ھادىسىسى» دەپ قارىلىۋاتقان ئاشۇ 1949-يىلى 8-ئايدىكى تراگېدىيەنىڭ قۇربانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئاشۇ ئەڭ سىرلىق پاجىئە پۈتۈن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئېلىپ بارغان خەلقلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى ئاشۇ قۇربانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بۇنىڭدىن بىۋاسىتە ئەڭ ئېغىر زەرداب چەكتى.

ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئوغلى، كۆپ يىللار ئۇيغۇر تارىخى ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارغان دوتسېنت ئەكبەرجان باۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىگە ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئانىسى، مومىسى، تاغىلىرى قەتئىي ئىشەنمىگەن. ئۇنىڭ ئانىسى، يەنى ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ خانىمى ھازىرمۇ ھايات بولۇپ، بۇ يىل 94 ياشقا كىرگەن.

ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ ئانىسى، ئايالى، ھەتتا ئۇنىڭ ئوغلى ئەكبەرجان باۋۇدۇن ۋە باشقىلار ئەينى ۋاقىتتا ئۆز سەزگۈلىرى ۋە ئۈمىدلىرىگە تايىنىپ، ئابدۇرېشىت ئىمىننى ھايات دەپ ئىشەنگەن ۋە ھەتتا غۇلجادىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقساق بەلكى كۆرۈشۈپ قالارمىز دەپ ئۈمىد باغلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېلىپ ياشىغان. ئەكبەرجان باۋۇدون ؛ «مومام ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قۇلماق سېلىشقا ماھىر ئىدى، مومام ھەر كۈنى دېگۈدەك قۇلماق سېلىپ، قۇلماقتا كۆرسىتىلگىنىدەك دادام ئابدۇرېشىت ئىمىننى ‹ئوغلۇم بىر يەردە ھايات بار ئىكەن. ياشاۋېتىپتۇ، ئۆزى يالغۇز ئىكەن، لېكىن ئەھۋالى ناچاركەن، غەمكىن كۆرۈنىدۇ›دەپ سۆزلەپ يۈرگەن شۇنىڭدەك مومام تاكى ۋاپات بولغۇچە ئوغلىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن. ھەتتا باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزمۇ بۇنىڭغا ئىشەنگەن. ئەلۋەتتە، مەنمۇ ئىشىنىپ، بىر كۈنلەردە دادام بىلەن كۆرۈشۈپ قالارمەن دەپ ياشىغان ئىدىم. لېكىن قۇلماققا بەرىبىر مەن ئىشەنمەيتتىم. ئەنئەنە بويىچە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا كۆپ ئادەملەر قۇلماققا ئىشىنەتتى. ئەلۋەتتە بەزىلەر ئىشەنمەيتتى، مېنىڭ مومام بەك ئىشىنەتتى» دەيدۇ.

ئەمما، ئەكبەرجان باۋۇدون ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ۋە داداسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندەك «ئايروپىلان قازاسى» بىلەن ئۆلگەن ئەمەس، بەلكى سۇيىقەست بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا، يەنى «ئۆلتۈرۈلگەنلىكى» گە ئىشىنىدۇ.

تارىخىي مەنبەلەرگە تايانغاندا، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار غۇلجادىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى توپ-توغرا 6 ئاي بولغاندا، يەنى 1950-يىلى، 4-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن غۇلجاغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، ئەكبەرجان باۋۇدوننىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ ئانىسى، مومىسى ۋە تاغىلىرى بىلەن بىرگە داداسىنىڭ جەسىتىنى كۆرۈشكە بارغان. ۋەھالەنكى، ھېچكىم ئېلىپ كېلىنگەن بۇ جەسەتنىڭ ئابدۇرېشىت ئىمىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۆرگىنى ھېچ يۈزى يوق، پەقەت يۈز تەرىپىگە پاختىلار ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بىر جەسەت بولۇپ، ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارمۇ ئوخشاشلا ئېلىپ كېلىنگەن بۇ جەسەتلەرنىڭ ئۆز كىشىلىرىگە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن.

تارىخىي مەنبەلەرگە تايانغاندا ئەخمەتجان قاسىمى ئابدۇرېشىت ئىمىننى مەخسۇس مۇخبىر ۋە خىتاي تىلى تەرجىمانىلىققا تاللاپ ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ ماڭغان. چۈنكى، ئابدۇرېشىت ئىمىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئىنقىلابچىلىرى ئىچىدە خىتاي ۋە ئۇيغۇر تىلىغا مۇكەممەل شەخس ئىدى، بەزى مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى 1945-1946-يىللىرى ئارىسىدا جاڭ جىجوڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتكە بىر قانچە قېتىم ئابدۇرېشىت ئىمىننى تەرجىمانلىققا ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئابدۇرېشىت ئىمىن بىلەن بىرگە «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە خىزمەت قىلغان، ئۇنىڭ بىلەن دوست ئۆتكەن ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان 91 ياشلىق مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرېشىت ئىمىن خىتاي تىلىغا كامىل بولۇپ، ئۇ خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئىككىلا تىلدا تەڭ ئەسەر يازالايدىغان ژۇرنالىست ۋە شائىر ئىدى. ئۇ ئەخلاق پەزىلەتلىك، كىشىلەرگە سەمىمىي، خىزمىتىگە پۇقتا شەخس ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلۈمى ۋە مىللىي ئىنقىلابنىڭ پاجىئەلىك ئاخىرلىشىشى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى.

ئابدۇرېشىت ئىمىن 1922-يىلى ئىلىدىكى ئىلىنىڭ داڭلىق يۇرتلىرىدىن خۇنخاي مازاردا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ داداسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ، مەخسۇس «ئىلى تارىخى» نامىدا ئىلى دىيارى تارىخىنى يېزىپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىغا تەقدىم قىلغان ئىمىنجان باۋۇدۇن ئىدى. ئابدۇرېشىت ئىمىن 1948-يىلى، داداسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە «ئىلى تارىخى» ناملىق ئەسەرنى كۆچۈرۈپ، ئەخمەتجان قاسىمىغا تاپشۇرغان ئىدى.

ئۇ، كىچىكىدىن غۇلجادا خىتاي تىلىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسى ئالغان، 1941-1943-يىللىرى ئارىسىدا «ئىلى گېزىتى» نىڭ خىتاي بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1944-يىلى، 12-نويابىردا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتى قۇرۇلغاندىن كېيىن مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ۋە كېيىنرەك «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە مۇھەررىر ۋە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. بەزى تارىخى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا 1948-1949-يىللىرى ئارىسىدا ھەتتا ئەخمەتجان قاسىمى غۇلجادا «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ خىتاي تىلىدىكى نۇسخىسى «دېموكراتىيە گېزىتى» نى نەشىر قىلدۇرغاندا، ئابدۇرېشىت ئىمىننى خىتايچە گېزىتنىڭ مەزمۇنلىرىنى نازارەت قىلىدىغان سېنزورچى باش مۇھەررىر قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى.