پۈتۈن ئىلمىي ھاياتىنى ئۇيغۇر ۋە مەركىزىي ئاسىيا تارىخىغا بېغىشلىغان ئالىم

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2021.10.28
پۈتۈن ئىلمىي ھاياتىنى ئۇيغۇر ۋە مەركىزىي ئاسىيا تارىخىغا بېغىشلىغان ئالىم تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف ئەپەندى.
Photo: RFA

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك سىياسىي، ئېتنىك، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىي مۇساپىلىرىنى مۇكەممەل يورۇتۇش ئىنتايىن قىيىن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك، جاپالىق ئەمگەكلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ساھەگە ئۆزىنى ئاتىغانلار، جۈملىدىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىپ ئۆمۈر بويى ئۇنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تارىخشۇناسلارنىڭ سانى ناھايىتى چەكلىك. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار تارىخى پەقەت بىرلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى بولۇپ قالماستىن ئۇ بەلكى پۈتۈن تۈركىي خەلقلەر تارىخى، مەركىزىي ئاسىيا تارىخى، جۈملىدىن مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخىنىڭ بىرقسمىدۇر. ئۇيغۇر تارىخى ھېچقاچان مانا بۇ باغلىنىشلارسىز مۇكەممەل يورۇتالمايدۇ. بۈگۈن ئۆزىنىڭ 80 ياشلىق تەۋەللۇتىنى كۈتۈۋالغان تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف ئەپەندى ئەنە شۇ ئىنتايىن قىيىن ۋە كۆپ قىرلىق، كۆپ باغلىنىشلىق ئۇيغۇر ۋە مەركىزىي ئاسىيا تارىخىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، 20 دىن ئارتۇق ئىلمىي كىتاب ۋە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغا ئۇيغۇر تارىخشۇناسىدۇر. پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە مەركىزىي ئاسىيا تارىخى مەسىلىلەر بويىچە يېتەكچى-ئۇستازلىق خىزمەتلىرى ۋە تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئابلەخەت خوجايېف 1941-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆسۈپ-يېتىلىپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن 1960-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققانىدى.

ئۇ، 1964-1969-يىلى تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق فاكۇلتېتىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1971-1973-يىلى موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتۇراسىدا ئوقۇدى. 1973-1978-يىللىرى ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلىمىي خادىمى، 1978-1994-يىللىرى ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي بىلەن ئالاقىلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى.

ئۇ، ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دىپلوماتىيە ساھەسىگە يۆتكىلىپ، 1994-2000-يىللىرى ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلىپ، 1996-1998-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مەتبۇئات ئاتاشېسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇردى.

تارىخ پەنلىرى كاندىدات دوكتورى ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىنى موسكۋا ۋە تاشكەنتتە ئالغان، كۆپ يىللار ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ۋە 2000-2005-يىللىرى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتىنىڭ قارمىقىدىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا يېتەكچىلىك خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىپ كۆپ شاگىرتلارنى تەربىيەلىگەن پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە يېقىنقى 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە موسكۋا، تاشكەنت قاتارلىق شەھەردە نەشر قىلىنغان «چىڭ ئىمپېرىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان 18-ئەسىردە»، «مەركىزىي ئاسىيادىكى خىتاي ئامىلى»، «خىتاي تارىخىي مەنبەلىرىدىكى تۈركىي شەھەرلىرى»، «قەدىمكى تۈركلەر تارىخىدىن»، «بۈيۈك يىپەك يولى: ئالاقىلەر ۋە تەقدىر»، «مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتچىلىك تارىخىغا ئائىت مەلۇماتلار» ۋە باشقا ئىلمىي تەتقىقات كىتابلار مەنسۇپتۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.