مۇساپىرلىقتىن «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى غازى» لىقىغىچە
2020-يىلى، 24-يانۋار جۈمە كۈنى، ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتى ۋە ئەتراپتىكى شتاتلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ قايغۇلۇق بىر كۈن بولدى. چۈنكى، بۇ كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پېشۋاسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دەسلەپكى ئاساسچىلىرىدىن بىرى ۋە ئاكتىپ جامائەت پائالىيەتچىسى ئەدھەمجان زاكىر ئەپەندى 96 يېشىدا ۋاپات بولغانىدى. بۇ خەۋەر تېزدىن تارقىلىش بىلەن ھەممە كىشى قايغۇغا چۆمۈپ، بۇ پېشقەدەم ئەربابىنى ئەسكە ئېلىشتى. ئەتىسى، يەنى 25-يانۋار كۈنى ئۇيغۇرلار فەيىرفاكىس شەھىرىدىكى چوڭ مەسچىتتە جەم بولۇپ، ئەدھەمجان زاكىر ئەپەندىنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ ۋە ئۇنىڭغا ئاللادىن جەننەت تىلەپ دۇئالار قىلىپ، ئۇنى ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزاتتى.
بىر ھەپتىدىن بۇيان تور سەھىپىلىرىدە ئەدھەمجان ئەپەندى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر ۋە ئۇنىڭ روھىغا ئاتالغان دۇئالار شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىگە بېرىلگەن يۇقىرى باھالار تۇشمۇتۇشتىن ئېلان قىلىنماقتا. ئۇنىڭ بىلەن 20 يىللاردىن بۇيان ھەمسۆھبەت بولغان، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مېھمانلاردا، مەشرەپلەردە، شۇنىڭدەك خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشلاردا ۋە باشقا بارلىق يىغىلىشلاردا بىرگە بولغان ئۇيغۇرلار مەرھۇمنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى، گۈزەل مىجەز خۇلقى ۋە باشقا ئۆزگىچە ئىنسانلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەسكە ئېلىشىپ سۆزلەشسە، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ياخشى كۈنلەرگە ئىگە بولۇشى يولىدا تىنىمسىز ئىزدەنگەن، باش قاتۇرغان ھايات ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە. ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە بۇ ئىنقىلابقا قاتناشقان، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامېرىكادىكى ئاخىرقى شاھىتى ۋە غازىسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بەكرەك ئەسلەشتى.
ھەقىقەتەن، ئازغىنا كەم بىر ئەسىر ياشىغان ئەدھەمجان ئەپەندى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ 96 ياشلىق ھايات مۇساپىسىدە ئىنتايىن كۆپ ئەسلىمىلەر بولۇشى تەبىئىي، لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان، ئەڭ ئەسكە ئالىدىغان ۋە ئەڭ ھۇزۇرلىنىدىغان ئەسلىمىسى ئۆزىنىڭ 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە بىۋاسىتە شاھىت بولۇشى ھەم شەرقىي تۈركىستان پارتىزانلىرى ئەترىتىنىڭ بىر جەڭچىسى سۈپىتىدە ھەرەمباغ، لاڭشاڭ، ئايرودرومغا كىرىۋالغان خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسىنى قورشاپ يوقىتىش جەڭلىرىگە قاتنىشىشى ئىدى. ئۇ شىددەتلىك يېغىۋاتقان دۈشمەن ئوقلىرى ئارىسىدىن ساق چىقىپ، بۇ جايلارنى ئازاد قىلىشقا ئۆز كۈچىنى قوشقانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى «غازى» ھېسابلىغان.
ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ مانا بۇ قىسمى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي ھاياتنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن بىز ئەدھەمجان ئەپەندىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى دەل مۇشۇ ۋەقەلەردىن باشلايمىز.
ئەدھەمجان ئاكا 17 ياشلارغا كىرگەندە، يەنى 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلىدى. 13-نويابىرغىچە قوزغىلاڭچىلار غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە لاڭشاڭدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدىن باشقا بارلىق جايلارنى ئازاد قىلىپ بولدى. ئارقىدىن پارتىزانلار 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قورغاس، سۈيدۈڭ، كۈرە قاتارلىق ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھەممە ناھىيەلىرىنى ئازاد قىلىپ، پۈتۈن كۈچنى مەزكۇر ئۈچ نۇقتىنى ئازاد قىلىشقا قاراتتى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا غۇلجا شەھىرىدىكى ئۆزبېك مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەدھەمجانمۇ باشقا ئۆزىگە ئوخشاش 16-17 ياشلىق بالىلار بىلەن بىرگە پارتىزانلار سېپىگە قوشۇلۇپ جەڭلەرگە قاتناشقانىدى.
ھايات ۋاقتىدا بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ۋاشىنگتوندىن تارقىتىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى نۇرى مۇساباينىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختالغان ئەدھەمجان زاكىر ئەپەندى 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە ھەرەمباغ جەڭلىرىنى تەپسىلىي سۈرەتلەپ بەرگەنىدى. ئۇ، ھەرەمباغدىكى دۈشمەنگە قارشى ئېتىلغان ماكسىم پىلىموتىغا ئوق تىزىپ بەرگەنىدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ بالا پارتىزانى تىزىپ بەرگەن ئاشۇ پىلىموت ئوقلىرىدا قانچىلىغان دۈشمەن جەھەننەمگە كەتكەندۇ؟ بۇنىڭ سانىنى ئېلىش تەس بولسىمۇ، ئەمما بۇ، ئەدھەمجان ئاكىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس كۈنلەر ۋە شەرەپلىك سەھىپە سۈپىتىدە ئەبەدىي خاتىرىلەنگەن. شۇڭا ئەدھەمجان ئاكا ھاياتىنىڭ بۇ سەھىپىسىنى ھەر دائىم پەخىرلىنىپ سۆزلەپ يۈرەر ئىدى.
ھەرەمباغ جەڭ مەيدانىنىڭ مەزكۇر غازىسى ئەدھەمجان زاكىر ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ئىشتىراك قىلغان، ئەسلى سوۋېت رۇسىيەسى كونتروللۇقىدىكى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن، ھەتتا رۇسىيەدىن 1920-1931-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلار دىيارىغا قېچىپ كېلىپ پاناھلىنىپ، ھايات يولىنى تاپقان ھەم بۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن ھەر مىللەت مۇھاجىرلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۆزبېك پەرزەنتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئەدھەمجان ئەپەندىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق 50 يىللىق دوستى جامائەت ئەربابى غولامىدىن پاختا ئەپەندى ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۆزى بىلگەن ھايات مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەدھەمجان ئەپەندى مەرغىلاندا تۇغۇلۇپ، 3-4 ياشلار شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن.
1928-1932-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان باي-كۇلاكلارغا زەربە بېرىش، كوپېراتسىيەلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاچارچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى نۇرغۇن ئۆزبېك، قازاق، ئۇيغۇر، قىرغىز، رۇسلار ۋە باشقا مىللەت مۇساپىرلىرى ئىلى، تارباغاتاي، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق چېگرا جايلارغا قېچىپ كېلىپ ماكانلاشقانىدى. ئەنە شۇ قېتىم ئەدھەمجان ئەپەندىمۇ 3 ياشلىرىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە مۇساپىرلىق سەپىرىگە ئاتلىنىپ ئۆزبېكىستاندىن غۇلجىغا كېلىپ يەرلىشىپ چوڭ بولغان. ئەنە شۇ ۋەقەلەردە ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى، يەنى ئايالى تۆرەم پاشامۇ ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن ئۆزبېكىستاندىن كېلىپ ئىلىغا يەرلەشكەنىدى. ئۇلار غۇلجىدا چوڭ بولۇپ، ئۆزبېك نەمۇنە مەكتىپىدە ئوقۇپ چوڭ بولغان. ئەدھەمجان ئەپەندى ئەنە شۇ ئۆزبېك نەمۇنە مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى پارتلاپ ئىنقىلاب قوينىغا ئۆزىنى ئاتقانىدى.
( داۋامى بار)
0:00 / 0:00