ئامېرىكادىكى ئاخىرقى «غازى» ئەدھەمجان زاكىرنىڭ ھايات سەپىرى(2)

0:00 / 0:00

كۈرەشچان ۋە مول مەزمۇنلۇق ھايات

2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتى ۋە ئەتراپتىكى باشقا شتاتلاردىن كەلگەن 200 ئەتراپىدا كىشى ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ فەيىرفاكىس شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر پائالىيەت مەركىزىگە جەم بولۇپ، 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىسى، ھەرەمباغ جەڭلىرىگە قاتنىشىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان قوزغىلاڭچى «غازىلار» نىڭ بىرى، كېيىنكى يېرىم ئەسىرلىك ئۆمرىنى ئامېرىكادا ئۆتكۈزگەن ئەدھەمجان زاكىر ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان قىلىپ، ئۇنىڭ ھايات مۇساپىلىرىنى خاتىرىلىدى.

شۇ ۋاقىتلاردا 17 ياشلارغا كىرگەن ئەدھەمجان زاكىر، 1944-يىلى، نويابىردىن تاكى 1945-يىلى يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا پارتىزانلار بىلەن بىر سەپتە غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ، ئايرودروم قاتارلىق جايلارغا كىرىۋالغان خىتاي گومىنداڭ قوشۇنىنى قورشاپ يوقىتىش جەڭلىرىگە قاتناشقان، ئەمما ئۇ 1945-يىلى، 8-ئاپرېلدا رەسمىي شەرقىي تۈركىستان مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغاندا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش قانۇنى بويىچە ئۇنىڭ يېشى ئەسكەر بولۇش ئۆلچىمىگە توشمىغانلىقى، يەنى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى بولۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان. ئەمما ئۇ يەنىلا ھەر خىل يوللار بىلەن ئازادلىق ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان نۇرغۇن پىدائىيلىق خىزمەتلىرىنى ئادا قىلغانىدى.

ئەدھەمجان ئەپەندىنىڭ ھايات مۇساپىلىرىگە باھا بېرىپ سۆزگە چىققۇچىلار ئۇنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامېرىكاغا يەرلىشىپ قالغان ئاخىرقى جەڭچىسى، غازىسى ۋە ئىنقىلاب شاھىتى، دېيىشتى.

ئەدھەمجان ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىدىن ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان، ئۇلارنىڭ يالقۇنلۇق نۇتۇقلىرىنىڭ كۆپ قېتىم ئاڭلىغانىدى.

ئەدھەمجان ئەپەندى 1946-يىلى، 7-ئايدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي تەرەپ ئارىسىدا تۈزۈلگەن بىتىم بويىچە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا غۇلجىدا ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى تۆرە پاشا خانىمنىڭ ئەسلىشىچە، 1946-يىلى 9-10-ئايلاردا ئۇ، مەسئۇد سابىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆزى 3 ياش ۋاقىتلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، سىبىرىيە تۆمۈر يولىدا قاتنايدىغان پويىز بىلەن تيەنجىنگە تىجارەت ئۈچۈن كېتىپ، كېيىن شۇ جايلاردا تۇرۇپ قالغان دادىسى يۇنۇس خوجىنىڭ نەنجىڭدە ھايات ياشاۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلايدۇ. شۇ يىلى 12-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى، مەسئۇد سابىرى بايقوزى قاتارلىقلار نەنجىڭگە بېرىپ خىتاي گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش سەپىرىگە ئاتلانغاندا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئەدھەمجان ئەپەندى ئۆمەك بىلەن بىرگە نەنجىڭگە بارىدۇ. ئەدھەمجان ئەپەندىنىڭ خانىمى، 94 ياشلىق تۆرە پاشا خانىمنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇنىڭ نەنجىڭگە بېرىشىدا مەسئۇد سابىرى مۇھىم رول ئوينىغانىدى.

شۇ قېتىمقى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى قوبۇل قىلىدىغان قۇرۇلتىيىغا ئەخمەتجان قاسىمى، مەسئۇد سابىرى، ئەيسا ئەپەندى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، زىيا سەمىدى قاتارلىق 18 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۆمەك قاتناشقان بولۇپ، مەزكۇر ئۆمەك تەركىبىدىكى 8 كىشى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى، يەنى ئىلى تەرەپتىن قاتناشقانلار ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى بۇ ئۆمەكتىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى نەنجىڭدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يۈكسەك مۇختارىيىتىنى قۇرۇلتايغا لايىھە سۈپىتىدە سۇنۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان، ئەمما بۇ، جاڭ جىجوڭ ۋە باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئەدھەمجان ئەپەندى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق بۇ ئەربابلارنىڭ نەنجىڭدىكى پائالىيەتلىرىگە، ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە شاھىت بولغان شۇنىڭدەك ئۇلار بىلەن بىرگە بىر قىسىم پائالىيەتلەرگە قاتناشقانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى، مەسئۇد سابىرى ۋە باشقا بارلىق ۋەكىللەر بىلەن بىرگە چۈشكەن سۈرىتىنى بىر ئۆمۈر ئەتىۋارلاپ ساقلىغانىدى.

ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ شۇ قېتىملىق پائالىيىتىنى شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە سۆزلەپ بەرگەنىدى.

ئەدھەمجان زاكىر ئەپەندى كېيىن ئىلىغا قايتىپ كەلگەن ۋە 1949-يىلى، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، 1950-يىللاردا ئايالى تۆرە پاشا بىلەن بىرگە تيەنجىنگە بېرىپ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا تاكى 1960-يىللارغىچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە چەت مەملىكەتلەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئالدى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ۋە ئارقىدىن 1969-يىلى ئامېرىكاغا كېلىپ يەرلەشكەن.

ئەدھەمجان ئەپەندىنىڭ 1969-يىلىدىن بۇيانقى يېقىن دوستى، پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى غولامىدىن پاختا ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئەدھەمجان ئەپەندى ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزى بىلەن دوستلىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا مەسىلىلىرىنى ئامېرىكا جامائىتىگە ئاڭلىتىش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئۇ، بۇ سەپتە ھېچقاچان بوشاشمىغانىدى.

ئەدھەمجان ئەپەندى ئامېرىكادا ياشىغان يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ھاياتىدا ۋەتىنىنى ھەر قاچان ئۇنتۇپ قالمىغان ۋە ئۇنىڭ ئىشقىدا ياشىغانىدى. ئۇ، 1997-يىلى، 5-فېۋرال غۇلجا نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكادىكى ساناقلىق ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە بېلىغا ئاق باغلاپ نامايىش قىلىپ، باستۇرۇلغان غۇلجا ياشلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ چىن قەلبىنى نامايان قىلغان. بۇ، ۋاشىنگتوندىكى دەسلەپكى ئۇيغۇر نامايىشلىرىدىن ئىدى. بۇ نامايىشنىڭ سۈرىتى ھازىرمۇ جانلىق پاكىت سۈپىتىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرماقتا.

ئەدھەمجان ئەپەندى، ئايالى تۆرە پاشا خانىم بىلەن ھەرقانداق پائالىيەت، نامايىش، يىغىنلاردىن قالمايدىغان، ۋەتەن تۇيغۇسى ۋە روھى كۈچلۈك مۆتىۋەرلەردىن ئىدى. ئۇلار ئامېرىكادا، جۈملىدىن ۋىرجىنىيە شتاتىدا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم ھەسسە قوشتى.

ئەدھەمجان ئەپەندى ئۈچۈن ئەبەدىي ئۇنتۇلماس ئەڭ مۇھىم خاتىرە ئۆزىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ بىر جەڭچىسى بولغانلىقى ئىدى. غولامىدىن پاختا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى ئۇزۇن، ناھايىتى مول، ۋەتەن سۆيەرلىك بىلەن تولغان كۈرەشچان ھاياتتۇر.

ئەدھەمجان زاكىر ئەپەندىنىڭ دائىم دەيدىغىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل چاغلار ئەنە شۇ غۇلجىدا، ئەنە شۇ ئىلى دەرياسى بويىدا، ئەنە شۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بايرىقى لەپىلدىگەن ئەركىن ۋە ئازاد غۇلجا كوچىلىرىدا ئۆتكەن. بۇ ھايات ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىنىڭ ئەڭ بەختلىك قىسمىدۇر. ئۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە غۇلجىنى سېغىنىپ ئۆتكەن.

ئەدھەمجان زاكىر 1926-يىلى، ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلۇپ، 3-4 ياشلار ئارىسىدا ئائىلىسى بىلەن غۇلجىغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان. 1969-يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرگە ئامېرىكاغا كەلگەن. 2020-يىلى، 24-يانۋار كۈنى ۋىرجىنىيە شتاتىدا ۋاپات بولدى.