ئامېرىكا مۇخبىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەرنى چۈشەندى؟
1943-يىلى 4-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ۋە شۇنىڭدەك ئەنگلىيە كونسۇلخانىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىچكى ۋەزىيەت ھەم ئۇنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، جۈملىدىن سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرىغا بولغان كۆزىتىش كۈچەيدى. 1944-يىلى 11-ئايدىكى ئىلى ئىنقىلابى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى 1946-يىلى 7-ئايدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى بىتىم بويىچە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قورۇلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي تۈركىستان قوراللىق ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنى يوقىتىشقا قاراپ يۈزلىنىشى، خىتاي گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ئۆلكىدىكى مىللىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەر ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ نەزىرىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلەپ، بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلار ۋاشىنگتونغا ۋاقتى-ۋاقتىدا يەتكۈزۈلدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم دىققەت قىلىنغان مەسىلە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىدىكى تەسىرى مەسىلىسى، يەنى مەزكۇر ئىنقىلاب ۋە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئارقىسىدىكى سوۋېت ئامىلى، شۇنىڭدەك موسكۋانىڭ شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ خىتاي قوشۇنلىرىنى تامار قىلىشىغا زادى قانچىلىك ياردەم كۆرسەتكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا قارىتىلدى.
خىتايلار بولسا ئامېرىكالىقلارغا بۇ ئىنقىلابنى «ئىسيان»، «توپىلاڭ» دەپ قارىلاش بىلەن بۇنىڭ «سوۋېت ئىغۋاسى»، «سوۋېت-رۇس باندىتلىرىنىڭ قىلغان ئىشى» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشتى. ھەتتا، «سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى جەڭگە قاتناشتى»، «سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلىغا قوشۇن كىرگۈزدى» دېگەندەك قارىلاش تەشۋىقاتلىرىنى يۈرگۈزدى. خىتاي گېنېراللىرى ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇللىرىنىمۇ ئەنە شۇنداق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. خىتاينىڭ مەتبۇئاتلىرىدا بولسا بۇنداق ئىلى ئىنقىلابىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىغۋاسى سۈپىتىدە كۆرسىتىدىغان ئۇچۇرلارمۇ كۆپلەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دېمەك ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ۋە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە ئەنە شۇ خىتايلارنىڭ ئۇچۇرىغا ئىشىنىش كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلىگە دۇچ كەلگەنىدى. ئەنە شۇ ئامېرىكانىڭ 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىتىنى تەتقىق قىلغان قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ بۇ ئۇچۇرلىرىغا ۋە ئەيىبلەشلىرىگە پۈتۈنلەي ئىشەنمەي ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەم ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئۆز ئالدىغا چۈشەنچىگە ئىگە بولغان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىشكە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە كونسۇللىرىدىن باشقا مۇخبىرلارمۇ قىزىققان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ھەم مۇخبىرلارنىڭ بۇ خىل قىزىقىشلىرى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا يۈز بەرگەن مەركىزىي ئاسىيادىكى بۇ ئۇرۇش ۋە زور ئىنقىلابنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت-خىتاي، سوۋېت-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بىلەن باغلانغانلىقى ئىدى. 1946-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، بىر قىسىم ئامېرىكا مۇخبىرلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، ياكى كەلمەي تۇرۇپ بولسىمۇ، بۇ رايون ھەققىدە خەۋەر ۋە تەپسىلاتلارنى يېزىشقا كىرىشتى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇپ مەخسۇس تەپسىلاتلارنى ۋە ئوبزورلارنى يازغان ئامېرىكا ژۇرنالىستلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىنى توپلاپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئامېرىكادىكى تارىخ ئىزدەنگۈچىسى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە باربارا ستېپېنس، پېگگي پاركېر، دوك بارنېت قاتارلىق ئامېرىكا مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى غۇلجىغا بېرىپ، ئەڭ ئەمەلىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ، خەۋەر يازغانىدى.
مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ھەرىكىتى، خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى بۇ رايوندىكى توقۇنۇش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رايوندىكى تەسىرى ۋە باشقا مەسىلىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلار ئامېرىكانىڭ «لوس-ئانژېلېس ۋاقتى»، «نيۇ-يورك ۋاقتى»، «تۇرمۇش» قاتارلىق بىر قىسىم داڭلىق مەتبۇئاتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئامېرىكا جامائەتچىلىكىگە بىلىنىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرى ياكى خىتايلارنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىش ئاخىرلاشقانىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە پەقەت ئىككى ئايال مۇخبىر بىۋاسىتە كېلىپ زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى «ئامېرىكا ئۇرۇش ئۇچۇرلىرى ئىدارىسى» نىڭ خادىمى، «تۇرمۇش» ژۇرنىلى ۋە فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بولغان 24 ياشلىق بارابا ستېپېنس (1922-1947) بىلەن ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن كونسۇلى دوگلاس ماكېرناننىڭ ئايالى پېگگي پاركېر ئىدى. بۇ ئىككى ئايال مۇخبىر غۇلجىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2 ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت تۇرۇپ كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان، سۆھبەتلەشكەن ۋە ئىلىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا تىرىشقان. جۈملىدىن ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زادى قانچىلىك تەسىرى بولغانلىقى، ئەمەلىي ھەربىي ۋە باشقا ياردەملىرىنى بىلمەكچى بولغان.
ئامېرىكالىق مۇخبىرلارنى، بولۇپمۇ 1947-يىلى 1-ئايدا، 1947-يىلى 7-ئايلاردا غۇلجىغا، يەنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھاكىمىيىتىدىكى جايلارغا زىيارەتكە بارغان مۇخبىرلارنى كۆپرەك قىزىقتۇرغان ھەم چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بەرگۈزگەن نۇقتىلار شۇ جايدىكى خەلقلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھاياتى، سىياسىي مەۋقەسى، ئازادلىققا بولغان ئىنتىلىشى، خىتايلار ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە تۇتقان مۇئامىلىسى ھەمدە بۇ جايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زادى قانچىلىك تەسىرى بارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بولغانىدى.
مۇخبىرلاردىن بارا-بارا ستېپېنس، پېگگى پاركېر، دوك بارنېت قاتارلىقلار خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى قارىلايدىغان تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانمىغان ۋە ئىشەنمىگەنلەر بولۇپ، بولۇپمۇ مەزكۇر ئىككى ئايال مۇخبىر ئىلگىرى-كېيىن ئۈرۈمچىدە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەردە بولۇپ، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى ۋە ئىنقىلابتىن كۆزلەنگەن مەقسەت قاتارلىقلار ھەققىدە ئىجابىي چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغان. ئەخمەتجان قاسىمى ئۇلارنىڭ غۇلجىغا بېرىپ زىيارەت قىلىشىنى قوللاپ، ئۇلارغا يول خېتى، يەنى رۇخسەت خېتى يېزىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھەققىدە ھەقىقىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپ، بۇلارنى دۇنياغا ئاشكارىلىشى ئۈچۈن يېشىپ چىراغ ياققانىدى.
ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇستەملىكە قىلغۇچىلار بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئېتنىك، مەدەنىيەت پەرقىنىڭ زور ئىكەنلىكى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ خىتايلارغا ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە نەپرەت بىلە قارايدىغانلىقى، گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايون خەلقىگە كۈچلۈك مىللەتچىلىك، ئىرقچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى، يەرلىك خەلقنىڭ كۈرىشىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەش ئىكەنلىكى ھەم باشقىلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئەمما، 1947-يىلى 8-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار غۇلجىغا قايتىپ، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى بىلەن خىتاي ئارمىيەسى ماناس دەرياسى لىنىيەسىدە قايتىدىن ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەن تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، جۈملىدىن 1947-1949-يىللىرى خىتايدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ كۈچىيىشى جەريانىدا ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ زىيارەت قىلىشى توختىغان. بولۇپمۇ ئازاد ئۈچ ۋىلايەتكە بېرىشى ئىمكانىيىتى بولمىغانىدى.