تۆرەم پاشا كۆرگەن شېڭ شىسەينىڭ زۇلمەتلىك دەۋرى
ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرى-بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرلىرىنى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈپ، 1930-1950-يىللار ئارىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن كۆپلىگەن ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، 1960-يىللاردا ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان، بۇ يىل ياشلىرى 90 دىن ھالقىغان، ئامېرىكىدىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر جامائىتى ئاكتىپلىرىدىن ئەدھەمجان ئەپەندى بىلەن تۆرەم پاشا خانىم ئۆزلىرىنىڭ باشلىرىدىن ئۆتكۈزگەن ھايات تارىخى ئەسلىمىلىرىنى بۈگۈن يەنە داۋاملاشتۇردى.
تۆرەم پاشا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرلىرىدە ئەڭ تەسىر قىلغان ۋە ھازىرغىچە ئۇنتۇلماس ئىز قالدۇرغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى 1937-1940-يىللىرى ئارىسىدا شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا، جۈملىدىن غۇلجادا ئېلىپ بارغان دەھشەتلىك تۇتقۇن قىلىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت «تېررورلۇق» قىلمىشلىرىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تۆرەم پاشا خانىمنىڭ خاتىرىسىدە قېلىشىچە، بۇ قورقۇنچلۇق قولغا ئېلىش ھەرىكىتى غۇلجادىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار ۋە باشقىلار ئۈچۈن تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەلەر خەلقنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى يۇقىرى ھۆرمەتكە ئىگە، 1931-1934-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ۋە 1934-يىلىدىن بۇيان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاسىتىچىلىكى نەتىجىسىدە شېڭ شىسەي بىلەن يارىشىپ، ئۆلكە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇۋاتقان خوجا نىياز ھاجىنىڭ ئوغلى بىلەن غۇلجادىكى يۇقىرى مەرتىۋىلىك زات ھاكىمبەگ خوجىنىڭ سىڭلىسىنىڭ داغدۇغىلىق توي مۇراسىم پائالىيەتلىرى مەزگىلىگە توغرا كەلگەن.
تۆرەم پاشا خانىمنىڭ ئەسلىشىچە، ھەيران قالارلىقى ئەينى ۋاقىتتا بۇ تويغا قاتناشقان غۇلجىنىڭ بارلىق باي-سودىگەرلىرى، جامائەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرى، ھەتتا تويدا خىزمەت قىلغان كىشىلەرگىچە ئىلگىرى-ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تويدا كۆپلىگەن ئايرىم ۋە كوللېكتىپ سۈرەتلەر تارتىلغان، ئەنە ئاشۇ سۈرەتكە چۈشكەنلەرنىڭ ھېچقايسىسى تۇتقۇندىن ساق قالمىغان ئىكەن.
تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۆرەم پاشا خانىم ئەينى ۋاقىتتا كىچىك بولسىمۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان بۇ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى 1937-يىلى، 4-ئايدا قەشقەردىكى ئۇيغۇر 6-ئاتلىق دېۋىزىيە قوماندانى ۋە سابىق مىللىي قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى مەخمۇت مۇھىتى ھىندىستانغا كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كوماندىرلىرىدىن بىرى ئابدۇنىياز كامال بەگ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ پارتلاش ۋەقەسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىغا تەڭ كېلەلمىگەن شېڭ شىسەيگە ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە بىر قېتىم تانكا، ئايروپىلان، زەمبىرەك قاتارلىق قوراللار بىلەن قوراللانغان ئاتلىق ۋە پىيادە قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ ياردەم بېرىپ، قوزغىلاڭنى تىنچىتىپ بېرىدۇ. ئەنە شۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان شېڭ شىسەي، «ئىسيان كۆتۈرۈش سۇيىقەست دېلوسى» دېگەن ساقتا دېلونى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، 1937-يىلى، 10-ئايدا خوجا نىياز ھاجىنى قولغا ئالىدۇ ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى 1938-يىلىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە ئارقىدىن يەنە 1940-1943-يىللىرى ئارىسىدىمۇ داۋاملىق تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تۇتقۇن قىلىشتىن پۈتۈن خەلق ناھايىتى قورقۇپ كېتىپ، ئەندىشە ئىچىدە ياشىغان بولۇپ، چۈنكى كىمنىڭ قاچان تۇتۇلۇپ كېتىشىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.
تۆرەم پاشىنىڭ دادىسى ۋە باشقا چوڭلاردىن ئاڭلىشىچە، بۇ تۇتقۇن قىلىشتا ئەينى ۋاقىتتا خەلق تەرىپىدىن «جاللات» دېگەن نامنى ئالغان شېڭ شىسەي بىلەن ستالىن ھۆكۈمىتى ھەمكارلاشقان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقى سوۋېتلەرنىڭ قولىدا ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىمۇ چوڭ تازىلاش، يەنى تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شېڭ شىسەي ھەم بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، خوجا نىياز ھاجى ۋە باشقىلارغا «تروتسكىيچى»، «جاھانگىرلارنىڭ قۇيرۇقى» دېگەندەك ھەر خىل جىنايەتلەرنى ئارتقان. غۇلجادىكى كىشىلەر بىر تەرەپتىن شېڭ شىسەينىڭ خىتاي ساقچى ئورگانلىرىدىن قورقسا، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجادىكى ئىمتىيازلىق ئورنى، «كونسۇلخانىسى» دىنمۇ ئەيمىنەتتى.
تۆرەم پاشا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تۇتقاندا پۇلدار باي كىشىلەر، باي سودىگەرلەر، يەر ۋە مۈلۈك ئىگىلىرى، زىيالىيلار ۋە مىللەتپەرۋەر كىشىلەر ئاساسلىق تۇتقۇن قىلىش ۋە يوقىتىش ئوبيېكتى قىلىنغان.
تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شېڭ شىسەينىڭ ساقچى ۋە ئارمىيە ئورگانلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇ خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ن ك ۋ د، يەنى ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ ئىچكى-تاشقى جاسۇسلۇق، سىياسىي جەھەتتىن نازارەت قىلىش، پۇل-يەر مۈلۈك ئىگىلىرىنى تۇتۇپ بايلىقىنى مۇسادىرە قىلىش، تۇتقۇن قىلىنغانلارنى «خائىن» ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى «خائىن ئەۋلادى» دەپ جازالاش ئۇسۇلى قوللانغان. (داۋامى بار)
0:00 / 0:00