ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر دىيارى 1940‏-يىللار (2)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2020.08.13
Henry-Wallace.jpg ئامېرىكانىڭ 33-مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ھېنرىي ۋاللاسې.
wikipedia.org

1943-يىلى، 4-ئايدا ئامېرىكا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتىكى ئىتتىپاقداشلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر دىيارىدا كونسۇلخانىسىنى قۇرۇپ، رايوندا ئۆز پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۆز ئىتتىپاقدىشى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايتتى. ئۇ ھەرگىزمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دۈشمەنلىشىشنى خالىمايتتى. لېكىن، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىشى خىتاي-سوۋېت رىقابىتى كۈچىيىپ كەتكەن شۇنىڭدەك بۇنىڭدا ئۆلكە ھۆكۈمدارى شېڭ شىسەي مۇھىم رول ئوينىغان بىر ۋەزىيەتكە توغرا كېلىپ قالدى.

گەرچە، شېڭ شىسەي جاڭ كەيشى بىلەن بىرلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرىدىغان قوپال چارىلارنى ئەمەلگە ئاشۇرسىمۇ، لېكىن، بۇ ئۆلكىدە ئەمدىلا كونسۇلخانىسىنى ئېچىپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىغان، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئامېرىكا ئۆلكىدە جىددىي ۋەزىيەت شەكىللىنىشىنى خالىمايتتى. چۈنكى، مەيلى ئامېرىكا، مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىنىڭلا بىر-بىرىگە ھاجىتى بار بولۇپ، ئۇلار فاشىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ئىتتىپاقچىلىقنى كۈچەيتىشنى ۋە فاشىزمنى تېز مەغلۇپ قىلىشنى ئۈمىد قىلاتتى.

شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى كۈنسايىن كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكانىڭ چوڭچىڭدىكى ئەلچىسى گائۇسس ئامېرىكا تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا مەخسۇس دوكلات يوللاپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ شېڭ شىسەيگە نىسبەتەن دوستانە ئەمەسلىكى، يەنى رەقىبلىك نەزىرىدە ئىكەنلىكى، شېڭ شىسەينىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەتتە قېلىۋەرسە چېگرا ۋەقەلىرى ۋە زىددىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلغان دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئەلچىسى گائۇسنىڭ نەزىرىدە شېڭ شىسەي سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن شەخس ئىدى. 1944-يىلى 7-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ چوڭچىڭدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككىنچى كاتىپى جون سېرۋىسنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا يوللىغان «شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت» ناملىق ھۆججىتىدىمۇ شىنجاڭدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەسىرلىرىنىڭ تازىلىنىشى، سوۋېت قوشۇنلىرىنىڭ ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشى ۋە باشقا كۈچلۈك سوۋېتقا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكى ۋە باشقىلار كۆرسىتىلىپ، تۆت تۈرلۈك تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكا دىپلوماتلىرى پۈتۈن ئىمكانىيىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئامېرىكا دىپلوماتلىرى شېڭ شىسەينى شىنجاڭ ھوقۇقىدىن ئېلىۋېتىش سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشنى كۈچەيتىدۇ دەپ قارىدى، پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، شېڭ شىسەينىڭ ئورنىدىن قالدۇرۇلۇشىدا ئامېرىكانىڭ رولى مۇھىمدۇر.

ئامېرىكا ئەلچىسى گائۇس ۋاشىنگتونغا يوللىغان دوكلاتىدا شېڭ شىسەي داۋاملىق «شىنجاڭدا قېلىۋەرسە، سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشى كېلىپ چىقىدۇ، شېڭ شىسەي، خىتاينىڭ بىرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەتەر»، «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، شىنجاڭدىكى گېنېرال شېڭنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى خىتاي-سوۋېت مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا توسقۇن بولۇۋاتقان مۇھىم بىر توسۇقنى ئېلىپ تاشلاش ھېسابلىنىدۇ» دەپ قارىغانىدى.

شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈش رولىنى ئويناۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇشتىكى ئىتتىپاقداشلىقنى كۈچەيتىشكە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئامېرىكانىڭ 1944-يىلى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋاللاسېمۇ ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ھېنرىي ۋاللاسې خۇددى ئامېرىكا پرېزىدېنتى فرانكلىن رۇزۋېلتقا ئوخشاشلا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، مەزكۇر ئىتتىپاقنى كۈچەيتىشتە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشىنى قوللايدىغان شەخس ئىدى.

ھېنرىي ۋاللاسې 1944-يىلى، 6-ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ چوڭچىڭغا بېرىش سەپىرىدە ئۈرۈمچىدە توختاپ، ئىككى كۈن زىيارەتتە بولغان ۋە شېڭ شىسەي بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، شېڭ شىسەي ئۇنى ئەڭ يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن داغدۇغىلىق كۈتۈۋالغان. لېكىن ۋاللاسې ئاخىرىدا شېڭ شىسەينىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش يولىدىكى بىر توسالغۇ» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ۋاللاسېنىڭ خىتاي زىيارىتى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ھەقىقەتەن ھ. ئا. ۋاللاسې 1944-يىلى، ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق خىتاينى زىيارەت قىلىش سەپىرىنى باشلاپ، 17-ئىيۇن كۈنى تاشكەنت، 20-ئىيۇن كۈنى ئالمۇتا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 21-22-ئىيۇن كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە بولدى ۋە 22-ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ، 23-ئىيۇن كۈنى چوڭچىڭغا يېتىپ كەلگەنىدى.

ۋاللاسېنىڭ 10-ئىيۇل كۈنى ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت رۇزۋېلتقا يوللىغان مەلۇماتىدا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى ۋە شېڭ شىسەي ھەققىدىكى قاراشلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

دېمەك، ۋاللاسېنىڭ سەپىرىدىن 3 ئاي ئۆتۈپ، جاڭ كەيشى شېڭ شىسەينى چوڭچىڭغا يۆتكەپ كەتتى ۋە شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى 12 يىللىق زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىق دەۋرى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ خىتاي شوۋىنىستىك زۇلمەتلىك دەۋرى باشلىنىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئومۇمى قوزغىلىڭىدا تارمار بولۇشقا يۈزلەندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.