ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر دىيارى 1940-يىللار ( 3)

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دىققەت قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مىللىي ئازادلىق قوزغىلاڭلىرى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداشلىقى شەكىللىنىشى جەريانىدا 1943-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىمۇ شېڭ شىسەي باشچىلىقىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشلەر بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى. 1943-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆلكىدىكى سىياسىي، مىللىي مۇناسىۋەتلەرگە، بولۇپمۇ ئۆلكىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە، يەنى خىتاي تەرەپنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈنسايىن يىرىكلەشتۈرۈپ، جىددىيلىك پەيدا قىلىش بىلەن بۇنىڭ فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداشلىققا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرىگە دىققەت قىلدى. ئالتايدا ئوسمان ئىسلام قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى قوراللىق كۈرەشلەرنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىرىنچى كونسۇلى ئېدمون كلاب ۋە چوڭچىڭدىكى باش ئەلچىلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىنى ۋەزىيەت ھەققىدە خەۋەرلەندۈرۈپ تۇردى.

1944-يىل 6-ئايدا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ھېنرى ۋاللاسې ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي سەپىرىدە ئۈرۈمچىدە توختاپ، بىر كۈن ھېسابىدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن يەرلىك خەلقلەرنىڭ شېڭ شىسەي زۇلۇمىغا بولغان نارازىلىقىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، 10-ئىيۇل كۈنى پرېزىدېنت رۇزۋېلتقا يوللىغان دوكلاتىدا شېڭ شىسەينىڭ مۇستەبىتلىكىنى تىلغان ئالدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ خىتايدىكى تۇنجى بېكىتىمىز سىنكاڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى دىخۇا (ئۈرۈمچى) بولدى. ئۆلكىنىڭ باش ۋالىيسى گېنېرال شېڭ شىسەي تىپىك مىلىتارىستتۇر. ھۆكۈمەت شەخسىي بولۇپ، ساقچىلارنىڭ ئەتراپلىق نازارەت قىلىشى بىلەن ئىش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ جاي ئاھالىسىنىڭ 90% خىتاي ئەمەس، كۆپىنچىسى ئۇيغۇر (تۈركىي)لاردۇر. خىتايلار بىلەن خىتاي ئەمەس ئاھالىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت، بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاز ياكى يوقلۇقى بىلەن بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. ئىككى يىل ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنى قوللايدىغان گېنېرال شېڭ ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بولۇپ، سىنكاڭدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش كونسۇلى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرماقتا.

سىنكاڭ-تاشقى موڭغۇلىيە چېگراسىدىكى ئەتىيازدا يۈزبەرگەن قىيىنچىلىقلار خىتاينىڭ تاشقى موڭغۇلىيەگە قېچىپ كەتكەن قازاق كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئۇرۇنۇشلىرىدىن ۋە ئارقىدىن موڭغۇللار ئارقىسىغا قايتۇرۇۋەتكەن خىتاي قوشۇنلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىدىن شۈبھە قىلىشقا سەۋەب يوقتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى موڭغۇلىيەدىكى مىنىستىرى موڭغۇلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ خىتاينىڭ تاشقى موڭغۇلىيەدىكى بومبىلاشلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن سىنكياڭدىكى نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ھازىر بۇ ئەھۋالغا كۆڭۈل بۆلمىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى سىنكاڭدىكى قىيىنچىلىقلاردا گېنېرال شېڭغا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى يۈكلىدى، ئەمما بىزنىڭ دىخۇادىكى كونسۇلىمىز ۋە باش ئەلچىخانىمىز ئەمەلدارلىرى شېڭنىڭ چوڭچىڭنىڭ ئالدىنقى سېپى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. سىنكياڭ يېقىندىن كۆزىتىدىغان رايوندۇر».

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋاللاسېنىڭ پرېزىدېنت فرانكلىن رۇزۋېلتقا يوللىغان ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتايدىكى سەپىرى ھەم يەكۈنلىگەن خۇلاسىلىرى قاتارىدا مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىشى، جۈملىدىن شېڭ شىسەينىڭ ئۆلكىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىۋېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ «سىنكاڭ يېقىندىن كۆزىتىدىغان رايوندۇر» دېيىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم كۆزىتىلىدىغان، يەنى دىققەت قىلىنىدىغان رايوندۇر.

1944-يىلى ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋاللاسېنىڭ زىيارىتىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ نىلقا قوزغىلىڭى پارتلىدى. ئارقىدىن جاڭ كەيشى ئامېرىكانىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ئاستىدا شېڭ شىسەينى يۆتكەپ كەتتى. 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئاتلىنىپ، 1945-يىلى 2-ئايدا ئىلى ۋىلايىتى، 9-ئايغا كەلگەندە پۈتۈن ئۈچ ۋىلايەتتىن خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسىنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن تازىلاش ھەتتا قوراللىق قوشۇنلار جەنۇبتا ئاقسۇ، قاراشەھەر ئەتراپى، قەشقەر، يەكەن يۆنىلىشلىرىدە جەڭ قىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بۇ، ياۋروپادا گىتلېر گېرمانىيەسى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكياندا ياپونىيە فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ، يەنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئەنقەرەدىكى ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا ئۇيغۇر دىيارىغا ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، چۈنكى بۇ جاي ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيەگە قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان رايون ئىدى. شۇڭ بۇ جايدىكى قوزغىلاڭلارغا دىققەت قىلماي تۇرمايتتى.

1945-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيەدىن ئىبارەت ئۈچ قۇدرەتلىك ئىتتىپاقداش دۆلەت باشلىقلىرى يالتا يىغىنىدا يالتا كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، خىتاي بۇ كېلىشىمگە قاتناشتۇرۇلمىدى. يالتا يىغىنىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مانجۇرىيەدىكى، يىراق شەرقتىكى، تاشقى موڭغۇلىيەدىكى مەنپەئەتلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. مەزكۇر ئۈچ دۆلەت ئارىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق تېخىمۇ ئاشتى. مانا بۇ ۋاقىتتا خىتاي پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلى ئىنقىلابىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىلمىشى، سوۋېت ئىغۋاسى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا تەرەپمۇ سوۋېتنىڭ ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتايدىكى مەقسىتى ۋە ھەرىكىتىدىن گۇمان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتىنى ئېنىقلاشقا يەنىلا ئەھمىيەت بەردى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، تاكى 1945-يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ بارلىق ھەربىي-سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ پەقەت خىتاينىڭ بۇ قوزغىلاڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكىتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتى ۋە ئۇچۇرلىرىغا تايىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، ئەھۋالنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەنىدى. ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلى روبېرت ۋارد ۋە چوڭچىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىلىرى خوراس سمىت، خارلېي ۋە باشقىلار ۋەزىيەت ھەققىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنى دائىم خەۋەرلەندۈرۈپ تۇردى ھەم بەزى تەشەببۇسلىرىنى ۋە باھالىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكانىڭ 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر دىيارى سىياسىتى ھەققىدە ئىزدەنگەن قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا بۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئىتتىپاقچىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈزبەرگەن قوزغىلاڭلارغا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە خىتاينىڭ مەيدانىدىن ئەمەس، باشقىچە قارىغان.

ئامېرىكا تەرەپ قوزغىلاڭلارنىڭ پارتلاش سەۋەبلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى ھەققىدە توغرا ۋە بىتەرەپ يەكۈن چىقىرىشقا تىرىشتى.