ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر دىيارى 1940-يىللار (5)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2020.11.05
cairo-conference-wwii 1943-يىلى نويابىردىكى قاھىرە يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى روزۋېلىت (ئوتتۇرىدا)، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل ۋە خىتاي رەھبىرى جياڭ جېشى مۇھىم مەسىلىلەرنى مەسلىھەتلەشتى
Wikipedia

1945-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى خىتاي قوشۇنلىرىنى شىخو لىنىيەسىدە تارمار قىلىپ، ئۇلارنى داۋاملىق قوغلاپ ماناس دەرياسى بويىغا يېتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچىنى  ئازاد قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا توختاش بۇيرۇقى كېلىپ، ئالغا سىلجىمىدى. بۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ   1945-يىلى  9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى قارارىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.  شۇنىڭدىن كېيىن 16 -سېنتەبىر كۈنى  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى  ئاپپوللون  پېتروف خىتاي تەرەپكە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوزغىلاڭچىلار بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ  تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىشىگە ۋاسىتىچى بولۇپ بېرىشكە رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەي، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا 8 ئايغا سوزۇلغان تىنچلىق سۆھبىتى باشلىنىپ، ئىلگىرى -ئاخىرى 11 ماددىلىق بىتىم ئىمزالاندى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئازاد قىلىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى ئۆزىنىڭ 9 ماددىلىق مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئەنە شۇ غايە   ئاستىدا كۈرەش قىلىۋاتماقتا ئىدى. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ  پۈتۈن شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتنى ئازاد قىلىپ، جەنۇبتىكى ئاقسۇ، قەشقەر  ئەتراپلىرىدا كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۈرۈمچىنى ئازاد قىلىشقا ئازلا قالغاندا ئۇرۇش توختىتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. لېكىن  مەزكۇر ئىنقىلابقا ياردەم بېرىۋاتقان ۋە قوللاۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ قاتتىق تەلىپى ۋە بېسىملىرى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ماقۇل كەلدى. لېكىن ئازادلىق غايىسى ھېچقاچان ئۈزۈلمىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى  ھۆكۈمىتى باش كاتىپى مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ 2004-يىلى  سۆزلەپ بېرىشىچە ئۇلار ستالىن  ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا خىتاي بىلەن بىتىم تۈزۈش يولىغا ماڭدى.

شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ  ئۇرۇش توختىتىپ خىتاي بىلەن سۆھبەت قىلىشى  1945-يىلى 2-ئايدىكى يالتا يىغىنىدا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىن ئىبارەت 3 دۆلەت رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغان يالتا كېلىشىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك  سوۋېت-خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسى ھەم ياپونىيەنىڭ  تەسلىم بولۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئارقا كۆرىنىش قىلغانىدى.  ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، 1945-يىلى 2-ئايدىن ۋە 5-ئايدا گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىنكى دۇنيا ۋەزىيىتى شەرقىي تۈركىستان  ئىنقىلابىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

كېلىشىم بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكانىڭ تەلىپىگە بىنائەن ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشى كېرەك بولۇپ، 1945-يىلى 8-ئاينىڭ بېشىدا  ئۇ  زور قوشۇنلىرىنى مانجۇرىيەگە كىرگۈزۈپ بۇ جايدىكى ياپون ئارمىيەسىنى تارمار قىلدى. خىتاي تەرەپمۇ ئامېرىكانىڭ تەلىپى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقى  بىلەن كېلىشىم تۈزۈش يولىغا مېڭىپ، ئاخىرى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى  سوۋېت -خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاندى. سوۋېت ئىتتىپاقى  بۇ شەرتنامە ئارقىلىق خىتاينى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مانجۇرىيەدىكى مەنپەئەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى ، ئەمما ئۇ خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە شەرقىي تۈركىستان قوزغىلاڭچىلىرىنى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللىماسلىق ۋەدىسى بەرگەنىدى.  ئەشۇ سوۋېت-خىتاي  كېلىشىمىدىن كېيىن، 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى بولسا ياپونىيە ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە رەسمىي تەسلىم بولۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. دېمەك، مانا شۇنداق خەلقئارالىق ۋەزىيەت ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزى قوللاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنى خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىغانىدى.  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى  ھۆكۈمىتى باش كاتىپى مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ 2004-يىلى  سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا موسكۋانىڭ بۇ خىل كېلىشىملىرىدىن  بىخەۋەر قالغان. ئۇلار ستالىننىڭ ئالدامچىلىقىنى كېيىن بىلگەن .

سوۋېت ئىتتىپاقى خىتايغا ۋە ئامېرىكا تەرەپكە بەرگەن » شىنجاڭدىن ھېچقانداق تەمەسى يوقلۇقى« ئىپادىلىرىگە ئاساسەن بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى قوللاۋاتقانلىقىنى يوشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاكتىپلىق بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىتىم ئىمزالىنىشقا ھەرىكەت قىلدى. شۇڭا ئامېرىكا تەرەپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز ۋەدىلىرىنى ئاقلىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى بۇزۇش مەسىلىسىگە دىققەت قىلغانىدى. ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلى روبېرت ۋارد 1945-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۈرۈمچىدىكى سۆھبەت ئەھۋالى ھەققىدە خەۋەرلەندۈرۈپ تۇردى. 1946-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 11 ماددىلىق بىتىمنىڭ ئاساسىي ھۆججىتى ئىمزالانغاندىن كېيىن روبېرت ۋارد ئارقا-ئارقىدىن چوڭچىڭدىكى باش ئەلچىگە مەلۇمات يوللىدى. 1946-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكانىڭ چوڭچىڭدىكى مۇۋەققەت   باش ئەلچىسى روبېرتسون ۋاشىنگتوننى 11 ماددىلىق بىتىم مەزمۇنىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ، غۇلجا قوزغىلاڭچلىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدا 11 ماددىلىق بىتىم ئىمزالانغانلىقىنى، بۇنىڭدا  دىنىي ئېتىقاد ، سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى، قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ ئامانلىق قوشۇنلىرى سۈپىتىدە ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىدىغانلىقى، تۈركى ،يەنى ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىلىنىڭ ئوخشاشلا ھۆكۈمەت  ھۆججەتلىرىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقى، سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قايتىدىن قۇرۇلىدىغانلىقى، مەدەنىيەتنىڭ قوغىدىلىدىغانلىقى ۋە باشقىلار يىغىنچاقلاپ كۆرسىتىلگەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە،  ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىتتىپاقچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ھەققىدە ئېنىق قوللاش ئىپادىسىنى بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما 11 ماددىلىق بىتىمنىڭ ئىمزالىنىشى ۋە  بىتىمدىكى ماددىلارنىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ھوقۇقلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن .

-12 يانۋار كۈنى ئامېرىكانىڭ مۇۋەققەت ئەلچىسى روبېرتسون يەنە ۋاشىنگتونغا تېلېگرامما يوللاپ،  بىتىم بويىچە قۇرۇلىدىغان  ھۆكۈمەتنىڭ 25 ئەزادىن تەركىپ تاپىدىغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ   15 نەپىرىنىڭ تۈركى يەنى ئۇيغۇر بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى مەلۇم قىلغان.

1946يىلى 21-مارت كۈنى ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىدىكى كونسۇللۇق ۋەزىپىسىدىكى سمىت ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكە ھۆكۈمىتىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغانلىقى، يەنى رەئىسلىككە  جاڭ جىجوڭنى، باش مۇپەتتىشلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر سات مەسئۇد ئەپەندىنى تەيىنلىگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى . ئارقىدىن ئۇ 29-ماي كۈنى  خىتاي بىلەن غۇلجا تەرەپ ئارىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىپ، سۆھبەتنىڭ بۇزۇلۇش ۋە قايتا داۋاملىشىش ئارقىلىق ئاخىرى 6 ماددىلىق ھەربىيگە ئائىت كېلىشىمگە كەلگەنلىكى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۆز قوشۇنلىرىنى ساقلايدىغانلىقى ۋە قەشقەر ھەم ئاقسۇدا قوشۇن تۇرغۇزۇشقا خىتايلار ماقۇل بولغانلىقى ۋە باشقىلارنى بايان قىلدى. سىمىت سۆزىدە ئەگەر خىتايلار يەنە كېلىشىم بويىچە تۈركىيلەر، يەنى ئۇيغۇرلارغا ياخشى تۇرمۇش، ئۆز تىلىنى مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردە ئىشلىتىش قاتارلىق ھەر خىل ھوقۇقلارنى بەرمىسە، ئەگەر ئۆز سىياسىتىنى ياخشىلىمىسا ئاخىرىدا» شىنجاڭدىن ئايرىلىپ قېلىشى « مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلكە ھۆكۈمىتىدە تازىلاش ئېلىپ بېرىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ:ئەگەر  خىتايلىقلار  تىنچلىققا ئېرىشىش  ئۈچۈن تېزلىكتە  ھەرىكەت قىلمىسا، تىنچلىق مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ھەم  ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. 29-ماي كۈنى  سمىت ئەپەندى يەنە تېلېگرامما يوللاپ  كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەرجىمىسىنىڭ يەنى سۆزمۇ-سۆز سېلىشتۇرمىسىنىڭ قىيىن بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى بىرمۇبىر سېلىشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. سمىت ئەپەندى يەنە 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىمزالانغان قوشۇمچە 2-ھۆججەتنىڭ تولۇق ماددىلىرىنى  ۋاشىنگتونغا يوللىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇ غۇلجا تەرەپنىڭ 6 پولك، يەنى 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى ساقلاشقا قوشۇلغانلىقىنى  تەكىتلىگەن شۇنىڭدەك ئاخىرىدا  خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ جىجوڭنى تولۇق قوللىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۇشىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكانىڭ نەنجىڭدىكى باش ئەلچىسى ستۇئارت ۋە شاڭخەيدىكى باش كونسۇلى دەيۋىس توختىماي، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى، خىتاي-سوۋېت سودا مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ يەنىلا ئۆز بايراقلىرى ۋە ئارمىيە فورمىلىرى بىلەن ئۆز ئالدىغا تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە باشقىلارنى مەلۇم قىلغان. باش ئەلچى سىتۇئارتنىڭ 18-دېكابىردىكى مەلۇماتىدا ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنى» شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى« دەپ ئاتاپ، ئۇ باشلىغان 18 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، خىتايدىن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تولۇق مۇختارىيەت تەلەپ قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.  ئامېرىكا تەرەپ بىتىمنىڭ ئىمزالىنىشى ۋە بۇزۇلۇشىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتى بىلەنمۇ باغلاپ چۈشەنگەن.

ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ۋاشىنگىتونغا يوللىغان بۇ دوكلاتلىرىدا  باشتىن ئاخىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا تەڭسىز باشقۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى،خىتاينىڭ  يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى چوقۇم   ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇلارغا يۈكسەك بىر ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىشى قاتارلىقلاردىن سىگنال بەرگەن.  -1949-1944يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى كونسۇللار،  چوڭچىڭ  ۋە نەنجىڭدىكى باش ئەلچىلەرنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە ۋاشىنگتونغا مەلۇمات ۋە دوكلات يوللاپ تۇرىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.